باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەن تېخى ياش، «راك كېسىلى مەندىن يىراق»، دەپ ئويلىسىڭىز، خاتا ئويلىغان بولىسىز!

2018.08.23 17:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ياشلىق بولسا، كاپىتال دېگەنلىكتۇر، شۇڭا، ياشلىق چەكسىزلىككە ئىگە». كىشىلەر دائىم روھنى ئۇرغۇتۇشتىكى بۇ خىل سۆزلەر ئارقىلىق، ياش بىر ئەۋلادلارنى باتۇرلۇققا ۋە تەۋەككۈلچىلىككە ئۈندەيدۇ. بىراق، ياشلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ساغلاملىقتۇر، شۇڭا، ساغلاملىق ئىشىدا تەۋەككۈلچىلىككە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەيبو مەسىلە چۈشەندۈرۈپ، «بۇرۇن بىز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان 40 نەچچە ياشلىق بىمارنى كۆرگەن چېغىمىزدا، ياش تۇرۇپلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، دەپ تولىمۇ ئېچىناتتۇق. لېكىن، ھازىر 30 ياشقا كىرگەن ياشلاردىمۇ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ»، دېدى.

  دېمەك، راك كېسىلىگە ھەرقانداق ياشتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. تۆۋەندە بىز راك كېسىلى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالتە تۈرلۈك كىشىلەر توپى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

  راك كېسىلى بوپ قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالتە تۈرلۈك كىشىلەر توپى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر توپى

  ياشانغانلارنىڭ، ھەتتا40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار، ھەتتا40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلار چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  2. ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈۋالغان كىشىلەر توپى

  يۇقىرى ئىسسىقلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن سېللۇلوزېلىق يېمەك-ئىچمەكلەر ئاسانلا چوڭ ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، «گۆشسىز تاماقنى ياخشى كۆرمەيدىغان» ۋە مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  3. جەمەتىدە چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تارىخى بار كىشىلەر توپى

  بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقانلىرى ئارىسىدا، يەنى ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان تارىخى بار بولسا، ئۇنداقتا، بۇ كىشىلەر توپى چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  4. تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەر توپى

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ،تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا، چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتەر تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. چوڭ ئۈچەي راكى بار ياكى چوڭ ئۈچەي مونچاق گۆشى تارىخى بارلار كۈنىگە سۈمۈرگەن ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 30 گىرامدىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولسا، چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەر توپى چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  5. بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسەللىكى تارىخى بار كىشىلەر توپى

  چوڭ ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسىلى بار بىمارلىرىنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، چوڭ ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسىلى بار بىمارلار چوقۇم كېسىلىنىڭ راكقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ھەمدە راكتىن ئاۋۋالقى كېسەللىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالىتىپ، كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. شۇڭا، چوڭ ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسىلى بار بىمارلار ئوخشاشلا ئاسانلا چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  6. ياللۇغلىنىش تىپىدىكى ئۈچەي كېسىلى بار بىمارلار توپى

  ياللۇغلىنىشچان ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى، جۈملىدىن ئۈچەي كېسىلى بار بىمارلار ۋە يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى بار بىمارلار ئوخشاشلا ئاسانلا چوڭ ئۈچەي راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر تىپىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر