باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ئىسسىق ئۆتۈپ قالدى» دېگىنىڭىزنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

سوغۇق تەر بېسىش، كۆكرەك تاسادىپىي قاتتىق ھەم ئۇزۇن چىڭقىلىشتىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇش لازىم

2018.08.21 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇڭجى تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى ۋۇخەن مەركىزىي دوختۇرخانىسى ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، دوكتور ليۇ ۋېي

  تومۇز كىرگەندىن بۇيان تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، نۇرغۇن جايلاردا ئۇدا نەچچە كۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى. دوختۇرخانىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. يېقىندا 50 نەچچە ياشلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى پىژغىرىم ئىسسىقتا بەش-ئالتە سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن كۆكرىكى تۇيۇقسىز ئاغرىپ، بېشى قېيىش ئالامىتى كۆرۈلگەن، باشقىلار ئۇنىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالدى، دەپ پەرەز قىلىشقان، لېكىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەپسىلىي تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى بوپ قالغانلىقى بايقالغان. يۇقىرىدىكى مىسالغا ئوخشاش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە يۈرەك، مېڭە كېسەللىكى ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئوخشايدۇ، شۇڭا كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ دېئاگنوز قويغاندا، دېئاگنوز خاتا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

  شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ياز پەسىلىدە كۆكرەك چىڭقىلىش، دەم سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، ھەتتا قورساق ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش، چىش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.

  كېسەللىك ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. ئاساسلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدىغان مۇھىت (يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، كۆپ نەملىك ياكى يېپىق بوشلۇق) قا ھۆكۈم قىلىش.

  2. تەرلىگەن ئورۇنغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا كۆكرەك، دۈمبە، پېشانە، بويۇن، قولتۇق ئاستى قاتارلىق ئورۇنلار تەرلەيدۇ. يۈرەك تىقىلمىسى قوزغالغاندا، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، قان تومۇرلار تارىيىپ، تەرلەش ئورنى كۆپىنچە بويۇن، پېشانە، ئالىقان، پۇت قاتارلىق جايلار بولۇپ، تېرە تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەنلەپ، ئادەتتە سوغۇق تەرلەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

  3. كۆكرەك چىڭقىلىشنىڭ ئېغىر -يېنىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىش. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا كۆكرەك چىڭقىلىشى بىرقەدەر يېنىك بولىدۇ، لېكىن جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلسە، كۆكرەك تۇيۇقسىز ئاغرىش، كۆكرەك ئاغرىقى ئۇزۇنغا سوزۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆپ چاغلاردا بېسىم ھېس قىلىش ۋە ھالسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئالدى بىلەن شامال ئۆتۈشتۈرۈش، سۇ تولۇقلاش قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەگەر ئەھۋالدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولماي داۋاملاشسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

  ياز پەسىلدىكى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. سوغۇق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك، تېمپېراتۇرىغا دىققەت قىلىپ، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

  2. ئىچىملىك سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، قان يېپىشقاقلىقىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  3. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ تەڭپۇڭ ۋە خۇشال ھالىتىنى ساقلاپ، يۈرەك سوقۇشنىڭ تېز بولۇشى ۋە قان تومۇر تارىيىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.

  4. كەچلىك ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، كەچلىك ئارامنىڭ ۋاقتىدا ھەم ياخشى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  5. يېمەكلىككە دىققەت قىلىپ، مايلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، زىيادە سوغۇق يېمەك-ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر