باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، «مايمۇنسىمان ئىپتىدائىي ئادەملەر» ھۇرۇن بولغانلىقتىن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن

2018.08.17 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارالىق بىر تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىچە، ئۆرە ماڭىدىغان بولغان قەدىمكى ئىنسانلار، يەنى «مايمۇنسىمان ئىپتىدائىي ئادەملەر» تەخمىنەن 200 مىڭ يىل ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى بەلكىم ئۇلارنىڭ «ھۇرۇن»لۇقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  «مايمۇنسىمان ئىپتىدائىي ئادەملەر» بولسا، ئىنسانلارغا تەۋە ئادەم ئۇرۇقدىشىدىكى بىر تۈر جانلىق. ئۇلار تەخمىنەن ئىككى مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە (يەنى ھازىرقى ئىدراكىي ئىنسانلارغا) ئوخشىمايدىغان باشقا ئىرققا مەنسۇب.

  ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئامېرىكا «ئىلىم-پەن ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى. ئۇنىۋېرساللىقلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەۋادىمى ئەتراپىدىكى بىر خارابىلىكنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، شۇلارنى بايقىغانكى، تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۆرە ماڭىدىغان بولغان «مايمۇنسىمان ئىپتىدائىي ئادەملەر» قۇرال ياساش ۋە خام ئەشيا توپلاشتا «ئىشچان» ئەمەس بولۇشى، بەلكىم «كۈچنى ئەڭ تېجەيدىغان ئۇسۇل»نى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن.

  تەتقىقات خادىملىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ئۆرە ماڭىدىغان بولغان ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر تاش قورال ياسىغاندا، پەقەت ئۆپ-چۆرىسىدىكى تاشلاردىنلا خالىغانچە پايدىلانغان، ئەمما ھەرگىز كۈچ سەرپ قىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئېدىر ۋە تاغلارغا بېرىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان تاشلارنى يىغىشنى خالىمىغان. ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئادەملەر، يەنى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەقىللىك ئادەملەر ۋە نېئاندېرتال ئادەملىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. دەسلەپكى ئەقىللىك ئادەملەر ۋە نېئاندېرتال ئادەملىرى بولسا، تاغلارغا چىقىپ ئەلا سۈپەتلىك تاشلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ھەمدە ئۇلارنى يىراقتىن توشۇپ ئېلىپ كىلەتتىكەن.

  تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇ ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەرنىڭ «ھۇرۇن»لۇقى يەنە ئۇلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلاش جەھەتتە ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ ئىكەنلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتلار ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا كونا چارىلەر بويىچە ۋە تەييار بار بولغان قوراللار بىلەنلا تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئەمما بىر ئامال قىلىپ تېخنىكىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشتەك تەرەققىياتقا تىرىشمىغان.

  تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: «ھۇرۇن»لۇق بەلكىم ئۆرە ماڭىدىغان ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر