باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

12 خىل ئەھۋالدا بالىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

چۇڭچىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور شۈ فېڭ، لۇ سىۋېي:

2018.08.16 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا بەك ئىسسىق كۈنلەردە، سۇ ئۈزۈش بالىلارنىڭ ئوينايدىغان ۋە سەگىدەيدىغان ياخشى تاللىشى، لېكىن كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىپ، كىشىنى بىئارام قىلماقتا. ئىستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى يەر شارى بويىچە 480 بالا سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىكەن، 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىت بالىلار سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ ئۆي، جامائەت سورۇنلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلار سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش دائىم يۈز بېرىدىغان جايلاردۇر. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى توسۇشى كېرەك، دېدى.

  12 خىل ئەھۋالدا، بالىلار ناھايىتى ئاسانلا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بىرىنچى: ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆل بويى، قىرغاق قاتارلىق جايلاردىن سۇغا چۈشۈپ كېتىش؛

  ئىككىنچى: سۇدا تۇيۇقسىز تېيىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرالماسلىق، ياكى سۇ ئوينىغاندا باشقىلار بېسىۋەتكەنلىكتىن ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق؛

  ئۈچىنچى: تەييارلىق ھەرىكەتنى تولۇق ئىشلىمەي، ئالدىراپلا سۇغا چۈشۈش؛

  تۆتىنچى: زىيادە ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنى چاغلىماسلىق ياكى سۇ ئۈزۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، چارچاپ كېتىش؛

  بەشىنچى: تۇيۇقسىز قاقىلىپ كېتىش، نەپەسنى تەڭشىيەلمەسلىك؛

  ئالتىنچى: كىيىۋالغان لەيلىمە ئەسۋابلار سېلىنىپ كېتىش ياكى يېرىلىپ گاز قېچىش؛

  يەتتىنچى: سۇ ئۈزۈش تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلىمىگەنلەر سۇ ئىچىدە سوقۇلۇش قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئۇچرىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ، ھەرىكىتى قالايمىقان بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

  سەككىزىنچى: تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغان سۇدا ئۈزگەنلىكتىن، پەي تارتىشىپ قېلىش؛

  توققۇزىنچى: سۇغا چۈشۈش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، تام ياكى تاش قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ يارىلىنىش؛

  ئونىنچى: تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ سۇغا چۆكۈش، نەپەس ئالماسلىق ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تۇيۇقسىز خىزمەتتىن توختاپ قېلىش؛

  ئون بىرىنچى: سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلار چىڭ قۇچاقلاپ قويۇپ بەرمەسلىك؛

  ئون ئىككىنچى: ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى ياخشى ئەمەس ياكى شىددەتلىك ئېقىن، قاينام، كۈچلۈك دولقۇنلۇق سۇدا سۇ ئۈزۈش؛

  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئادەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر بار: بىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ، بىر تەرەپتىن توختىماي پولتۇڭلاپ، بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇڭلار، دەپ ۋارقىرايدۇ ھەمدە ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە چۆكۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، قىرغاقتىكىلەر سۇدىكى غەيرىي ئەھۋالنى بايقاپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇدا تۇنجۇقۇش ھەمىشە ئاستاغىنە يۈز بېرىدۇ.

  ناۋادا بالا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بولسا، ئاتا-ئانىلار جىددىي قۇتقۇزۇشنى ياخشى ئىشلىشى، ئاۋۋال ئېغىز بوشلۇقى ۋە بۇرۇن بوشلۇقىدىكى يات نەرسىلەرنى تازىلىۋېتىشى لازىم. ئاندىن بالىنى دۈم قىلىپ، قولدا دۈمبىسىنى بېسىپ، ئۆپكە، ئاشقازان ئىچىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ھەمدە دوختۇرخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش لازىم.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئائىلە باشلىقلىرى يەنە بالىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.

  بىرىنچى: دەريا، كۆلچەك، قاپقىقى يوق قۇدۇق يېنىدا سۇ ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. يالغۇز ياكى توپلىشىپ كۆلچەك بويىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇش، سۇ ئۈزۈش، سۇ ئويناشقا بولمايدۇ.

  ئىككىنچى: ئەگەر باشقىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ ئامبىرى، كۆلچەك، قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىكىنى بايقىغاندا، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇشقا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنى كېلىپ قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش ياكى 120گە تېلېفون قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى: چوقۇم ئاتا-ئانىسى (ۋەسىيسى)نىڭ ھەمراھلىقىدا سۇ ئۈزۈش لازىم.

  تۆتىنچى: ئەگەر يۈرەك كېسىلى، تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ھەمدە زۇكام بولغان، قىزىپ قالغان، روھىي چارچىغان چاغدا سۇ ئۈزمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا پەي تارتىشىپ قېلىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ.

  بەشىنچى: جىددىي ھەرىكەتتىن كېيىن، دەرھاللا سۇ ئۈزۈشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ پۈتۈن بەدەن تەرگە چۆمگەن، پۈتۈن بەدەن قىزىپ كەتكەن ئەھۋالدا، دەرھال سۇغا چۈشمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا پەي تارتىشىپ قالىدۇ.

  ئالتىنچى: بۇلغانغان (سۇ سۈپىتى ناچار) دەريا، سۇ ئامبىرى، جىددىي ئېقىنلار، ئىككى دەريا كېسىشكەن جايلاردا ھەمدە چۈشۈش پەرقى چوڭ بولغان دەريا قاتارلىق سۇ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس سۇ دائىرىسىنىڭ ھەممىسى سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

  يەتتىنچى: ھاۋارايى ناچار، مەسىلەن گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىش، بوران چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر