باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدە بۇ بەش خىل ئەھۋال بار بولسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بەدەن تېخىمۇ ئاجىز بولىدۇ

2018.08.15 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تېببىي ئىلىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزلىمە ئۆمرى توختىماي ئېشىۋاتىدۇ، لېكىن ساغلام ئۆمۈر مۇناسىپ ھالدا كۆپەيمەي، نۇرغۇن ياشانغانلار ئاخىرقى ئۆمرىنى كېسەل كارىۋىتىدا، دورىلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

  يېقىندا ئەنگلىيەدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ياشانغاندىكى تېنى ئاجىزلىق دەرىجىسى بىلەن ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەگەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە بۇ بەش خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بەدىنى بىر قەدەر ئاجىز بولىدىكەن.

  بۇ تەتقىقاتتا، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى سىناققا قاتناشقان 6223 كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ تەھلىل قىلغان، بۇ سالامەتلىك ئەھۋاللىرى ئۇلارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى، قولىنىڭ سىقىش كۈچى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئازىيىشى، چارچاش دەرىجىسى ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيە سەرپىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار كېيىنكى تېنى ئاجىزلىشىش خەۋپ-خەتىرىنى بېكىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  يىگىرمە يىل بۇرۇن، تەتقىقاتچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ تەپسىلىي سالامەتلىك ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، سىمىزلىك، تاماكا چېكىش، ھەرىكەت ئاز ھەمدە قان تەركىبىدىكى ئىنتېرلېۋكىن (ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋاسىتىچى ماددىسى) 6 بىلەن C رېئاكسىيە ئاقسىلى يۇقىرى بولغان 50 نەچچە ياشلىق كىشىلەر توپىنىڭ 70 ياشقا كىرگەندە تېنىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىقى بايقالغان.

  تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 50 نەچچە ياشلىق سېمىز كىشىلەر توپى ئارىسىدا %8 كە يېقىن ئادەمنىڭ قېرىغاندا تېنى ئاجىز بولغان، بەدەن ئېغىرلىقى ساغلام بولغان كىشىلەر توپىدا بولسا بۇ نىسبەت ئاران %2.7 بولغان. ھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كېيىن ئاجىزلاپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغان، تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنى ئۇزاق ئولتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئىنتېرلېۋكىن 6 ۋە C رېئاكسىيە ئاقسىلى بەدەننىڭ ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بويتاق يۈرگەن ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاجىزلىشىش دەرىجىسى توي قىلغان ياكى خوتۇنى بىلەن بىللە تۇرغان كىشىلەرنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. نىكاھتىن ئاجراشقان، بويتاق يۈرگەن تەخمىنەن %5.5 كىشى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاجىز بولۇپ، سوزۇلما كېسەل، مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا تۇرمۇش ئۇسۇلى ناچار، ساغلاملىق سەۋىيەسى تۆۋەن بولسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىش، تۇرمۇش سۈپىتى ناچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە بەدەننىڭ ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى چۈشىنىش __ كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تېخىمۇ ساغلام ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر