باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پەخەس بولۇڭ! تەرلىگەندىن كېيىن پىۋا ئىچسە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ

2018.08.14 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر ھەرىكەت قىلىپ ۋە ساڭناغا دۈملىنىپ تەرلىگەندىن كېيىن، بىر بوتۇلكا مۇزدەك پىۋا ئېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، بۇنداق قىلىش سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ئۆرلىتىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يېقىندا، ياپونىيە توكيو ناگاسې شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: يېمەكلىك ۋە ئىسپىرتتىن باشقا، كۆپ سۇسىزلىنىپ كېتىشمۇ سۈيدۈك كىسلاتا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى، بولۇپمۇ تەر چىقىش مىقدارى كۆپ بولىدىغان ياز پەسلىدە قاتتىق تەرلىگەن ۋاقىتتا، بەدەندىكى سۇ مىقدارىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا توختىماي پىۋا ئىچسە، ئادەم بەدىنىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، بەدەندە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئازراق قايناق سۇ ئىچىپ، بەدەندىكى ئېقىپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى تولۇقلاش كېرەك.

  مۇتەخەسسىس يەنە مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: سۈيدۈكتىكى كىسلاتا نىسبىتىنى يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ھاراقنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچىش كېرەك، پىۋا ئىچكەندە كۈندە 500 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك؛ ھەر كۈنى ئىككى لىتىر قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، كۆپرەك سەيلە قىلىپ بېرىش ۋە تېز مېڭىپ بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر