باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە: ھاۋانىڭ يېنىك دەرىجىدە بۇلغىنىشىمۇ يۈرەككە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن

2018.08.07 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرسىمۇ يۈرەككە تەسىر يېتىپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بىلەن ئوخشاش بولغان دەرىجىدە يۈرەكنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مارى خانىش ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەنگلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلدى. بۇ تەتقىقات تەخمىنەن 4000 نەپەر ئەنگلىيە پىدائىيلىرىغا چېتىلىدىكەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئوبيېكتلىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ھەمدە يۈرەك ۋە قان قاتارلىق جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

  ئامېرىكا «ئايلىنىش» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يولنىڭ ئەتراپىدا، ئازوت دىيوكسىدلبق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان ياكى PM 2.5 (ئۇششاق دانىچىلار) بۇلغىنىشى ئىچىدە تۇرغان ئادەملەردە سول ۋە ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ يوغىناش ئەھۋالى تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى شۇنچە ئېغىر بولسا، بۇ خىل يۈرەك قېرىنچىسى يوغىناش مەسىلىسى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈرەك مەسىلىسىنى بايقىغىلى بولىدىكەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ پىدائىيلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي ئەمەلىيەتتە مۇھىتنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئەنگلىيە تەكلىپ بەرگەن سەۋىيە ئىچىدە تۇرماقتا، يەنى ھەر كۇب مېتىرغا 25 مىكرو گىرامدىن تۆۋەن نىسبەتتە توغرا كېلىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ پەقەت بىر كۆزىتىش خاراكتېرلىق تەتقىقات بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھازىرچە سەۋەب-نەتىجىلىك خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ. لېكىن، كىشىلەر مۇنۇلارنى بايقىدى: تۇرىۋاتقان مۇھىت گەرچە يېنىك دەرىجىدە ھاۋا بۇلغانغان مۇھىت بولسىمۇ، بۇ خىل شارائىتتا يۈرەك قۇرۇلمىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋامۇ ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش بەردىكى، كىشىلەر ھاۋا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر