باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ئاي شارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن

2018.07.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئاي شارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئىككى كۆزنەك مەزگىلى بولغان بولۇشى، ھەمدە ئۇ كۆزنەكلەر ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

  يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «ئاسمان جىسىملىرى بىيولوگىيەسى» ژۇرنىلىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆت مىليارد يىل ئىلگىرى ئاي شارى شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىلدىن بۇرۇن ئاي شارىنىڭ يانار تاغ ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، ئاي شارى يۈزىنىڭ شارائىتى ئاددىي تۈردىكى ھاياتلىق شەكلىگە تولۇق تىرەك بولغان ئىكەن

  ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاستروبىيولوگىيە ئالىمى دىك شۇلتز- ماكۇخېر ۋە ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى سەييارىلەر ئىلمىنىڭ پىروفېسسورى يىئەن كېلاۋفۇدې مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئىككى مەزگىلدە، ئاي شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن زور مىقداردىكى يۇقىرى پارلىنىشچان گازلار چاچراپ چىققان بولۇپ، ئۇ گازلارنىڭ ئىچىدە ھورلار بولغان، ھەمدە ئۇ گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇلار كۆلچەكلىرى ۋە شەكىللىنىپ ئارىدىن نەچچە مىليون يىل ئۆتكەن ئاتموسفېرا قاتلىمى مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  تەتقىقاتچى خادىملار ئاي شارى تۇپرىقى ۋە ئاي جىنسلىرى ئەۋرىشكىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى ئانالىز نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ، بەلكىم ئاي شارى كىشىلەر ئىلگىرى ئويلىغاندەك قۇرغاق ئەمەستۇ، دەپ پەرەز قىلغان. 2009- يىلى ۋە 2010- يىلى، بىر خەلقئارالىق تەتقىقات ئۆمىكى ئاي شارىدا نەچچە يۈز مىليون توننىلىق سۇ مۇزلار بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە باشقا ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاي دەسلەپكى شەكىللەنگەن چاغدىلا، ئۇنىڭدا زور مىقداردىكى سۇلار ساقلىنىپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر