باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھازىر كىشىلەردە نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى تۆۋەن

2018.07.24 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بېرى، تاسادىپىي كېسەل ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە قارىتا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش قىلىنمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر دائىم يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئېڭىدا، ئادەم قۇتقۇزۇش دوختۇرلارنىڭ ئىشىدۇر، ئۆزىمىزنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت دەل ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ياردەم سوراشتىنلا ئىبارەت، دەپ قارايدۇ. بىراق، كۆپ ھاللاردا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە مىنۇتلا ئادەمنى قۇتقۇزىۋېلىشقا بولۇشتىكى ئالتۇن ۋاقت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتى ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقى ئىنتايىن مۇھىم.

  نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش دېگەندە، ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي ماھارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەقەت ئاساسىي مەشغۇلات ماھارىتىنى بىر قەدەر سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن نەق مەيداندىكى جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، جىددىي قۇتقۇزۇش دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ، توغرا بولمىغان جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئىگىلەنگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاممىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىنىشىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى جەھەتتىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ ئىكەن.

  نۆۋەتتە، ئاڭ كەمچىل ۋە ئىدىيە ئارقىدا قالغانلىقتىن، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە تۈزۈم كاپالىتى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھەقىقىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىدىغان ئاممىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ئومۇملىشىش نىسبىتى ئىنتايىن چەكلىك بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، جىددىي قۇتقۇزۇشتا زۆرۈر بولغان ھاياتلىق تەربىيەسىنىڭ بۇ دەرسىنى تەقەززالىق بىلەن تولۇقلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئەسكەرتتى.

  ئاپتور مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلار جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، قانۇن-نىزاملارنىڭ تىرەك سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دوختۇرخانا ۋە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ مەكتەپلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئالى مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش» دەرسى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

  ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى ئامما جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ماھارىتىنى توغرا ئىگىلىسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر