- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان بۇ ئۇسۇلغا پۇل كەتمەيدۇ
ھەر كۈنى قىلسىڭىزلا بولىدۇ
2018.07.20 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كونىلاردا، قېرىش پۇتتىن باشلىنار، دەيدىغان گەپ بار. ئوشۇق بوغۇمىنى دائىم ئايلاندۇرۇشنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار. چۈنكى پۇتنىڭ ئوشۇق قىسمى ئەتراپىدا كۇنلۇن، شېنمەي، جىنمېن، چيۇشۈ، جيېشى، جۇڭفېڭ، شاڭچيۇ، تەيشى قاتارلىق پەللىلەر بار. بۇ پەللىلەرنى غىدىقلاپ بەرگەندە مىڭە، يۇلۇن، نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق قېرىلىققا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ پەللىلەرنى غىدىقلاشتا، يىڭنە سانجىش، بارماق بىلەن بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسا پۇتنىڭ ئوشۇق قىسمىنى قايتا-قايتا ئايلاندۇرۇشتۇر.
كونكرېت ئۇسۇلى:
بىرىنچى، ئورۇندۇقتا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ، ئوشۇق بوغۇمىنى ئاستا-ئاستا ئايلاندۇرۇش.
ئىككىنچى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئىككى تىزنى كۆتۈرۈپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى يەرگە تەككۈزۈپ، ئوشۇق بوغۇمىنى ئايلاندۇرۇش.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن قىلىش كېرەك. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەر قېتىم ھەربىر پۇتتا 20دىن 40 قېتىمغىچە ئىشلەش لازىم. يۇقىرى قان بېسىمى بارلاردا ئادەتتە ئوشۇق قىسمى قېتىشىش كېسەللىك ئالامىتى بار بولۇپ، ئوشۇق قىسمىنى ئايلاندۇرغاندا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىسى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر