باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

لىمون سۈيى دەملىگەندە تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

رويخەتكە ئالدۇرغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن رەن

2018.07.18 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن كىشى لىموننى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۆت نۇقتىنى كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر:

  بىرىنچى، چوقۇم سۇس بولۇش كېرەك، پوستى بار چوڭ بىر پارچە لىموننى قايناقسۇغا دەملىگەندە، ئۈچ-تۆت كىچىك ئىستاكانغا قويۇشقا بولىدۇ. بۇنداق لىمون سۈيىدە بەك قويۇق چۈچۈمەل تەم يوق بولۇپ، شېكەر ياكى ھەسەل قوشماي ئىچىشكە بولىدۇ، تەركىبىدىكى ئېنېرگىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، چوقۇم پوستى بار بولۇشى كېرەك، چۈنكى لىموننىڭ پوستى تەركىبىدە يۇقىرى فلاۋۇنلۇق بىرىكمىلەر بار بولۇپ، لىمون مېيىمۇ ئاساسلىقى پوستىدا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، چوقۇم نېپىز توغراش كېرەك، بولمىسا لىمون پوستى تەركىبىدىكى خۇش پۇراق تەركىب ئاسان چىقمايدۇ.

  تۆتىنچى، ئەڭ ياخشىسى ئىلمان قايناقسۇغا دەملەش لازىم، ئەگەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولسا، خۇش پۇراقنى ئاسان چىقارغىلى بولمايدۇ.

  چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، لىموننىڭ كىسلاتالىقى كۈچلۈك بولۇپ، ۋىتامىن Cنىڭ كىسلاتالىق شارائىتتا ئىسسىقلىققا چىدامچانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، 60 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى سۇدىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. باشقىلار دائىم «لىموننى ھەر قېتىمدا ئاران بىر پارچە ئىشلەتسەك، ئېشىپ قالغىنىنى قانداق ساقلايمىز؟» دەپ سورايدۇ. لىموننى ئۇزاق ساقلىغاندا يۈزى قېتىپ قالىدۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمدا يەنىلا نۇرغۇن شىرنىسى بار بولۇپ، بىر ئاي قويۇپ قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ. لىموننىڭ كېسىلگەن ئېغىزىغا ئازراق ھەسەل سۈركەش ئارقىلىق سۇ تەركىبىنى ساقلاشقا بولىدۇ، يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراپ قويغاندا، يېڭى پېتى ساقلاش قۇتىسى ئىچىدە ئىككى-ئۈچ كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر