باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇزاق ئولتۇرۇش 14 خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

مۇتەخەسسىسلەر ھەر بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىككى مىنۇت ئۆرە تۇرۇش تەكلىپى بەردى

2018.07.17 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، دائىم چېنىقىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇزاق ئولتۇرۇش ئادىتى كۆپ خىل كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دېيىلدى.

  ئامېرىكا راك كىسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك باش تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئالپا پاتېل ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 128 مىڭ ئەر- ئايال قاتناشقۇچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلىغان. تەتقىقات باشلانغان چاغدا، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولمىغان. 21 يىل داۋاملاشقان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 49 مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۈچ سائەتكە يەتمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئولتۇرۇش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %19 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %10 ئاشقان، مۇسكۇل-سۆڭەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %60 ئاشقان.

  تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرۇش 14 خىل كېسەلنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابىت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، سوزۇلما ئۆپكە توسۇلۇش، باشقا ئۆپكە كېسىلى، جىگەر كېسىلى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى، پاركىنسون كېسىلى، ئالزېيمېر كېسىلى، خامۇشلۇق، باشقا نېرۋا كېسىلى ۋە مۇسكۇل-سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇزاق ئولتۇرۇش ئالدى بىلەن ترى گلىتسېرىد، قان شېكىرى، قان بېسىمى ۋە ئىنسۇلىن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن؛ يەنە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەدەن ئىچىدىكى ياللۇغلىنىشنى كۆپەيتىپ، يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، راك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە ئۆپكە كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خامۇشلۇق، پاركىنسون كېسىلى، ئالزېيمېر كېسىلى، نېرۋا كېسىلى ۋە مۇسكۇل-سۆڭەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ كونكرېت مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش زۆرۈر. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدىكەن.

  دوكتۇر ئالپا پاتېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئاۋامنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش، خىزمەت قىلىش، يان تېلېفون ئويناش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم. ھەر بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىككى مىنۇت ئۆرە تۇرۇش، قول-پۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قەددىنى تۈزلەش كېرەك، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر