باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر خىل ئەيدىز ۋاكسىنىسى ئادەم بەدىنىدە تەجرىبە قىلىندى

2018.07.13 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «لەنسەت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ھايۋانات ۋە دەسلەپكى ئادەم بەدىنىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر خىل يېڭى ئەيدىز ۋاكسىنىسى بىخەتەر بولۇپ، يەنە تېخى ئورگانىزمىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيەسىنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن. ئەمدى ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئۈنۈملۈك سىناق قىلىنىشى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ خىل ۋاكسىنا بولسا، بىرخىل «موزايكىلىق ۋاكسىنا» بولۇپ، ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئەيدىز ۋىرۇسى تۈپىنىڭ گېنىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، تېخىمۇ كەڭ ئەيدىز ۋىرۇسى زەھەر تۈردىشىغا قارىتا بىر خىل ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيەنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. بۇ شۇنداقلا 35 يىلدىن بۇيان 5- خىل 2 - قارارلىق كىلىنىكىغا كىرگەن، ھەمدە ئۈنۈملۈك تەجرىبە قىلىنغان ئەيدىز ۋاكسىنىسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تۆت خىل ۋاكسىنا ئىچىدە، پەقەت بىر خىلىلا بەلگىلىك قوغداش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى %31 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دەن بالوچ بىر پارچە باياناتتا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى نەتىجىنى بىر مۇھىم ئابىدە ھېسابلاشقا بولىدۇ، لېكىن، يەنىلا «ئېھتىياتچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ»، چۈنكى، ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جېڭى تېخى مىسلى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەندە ئىممۇنولوگىيەلىك رېئاكسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پەيدا قىلىشى ھەرگىزمۇ ۋاكسىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانماسلىقىنى قوغداپ قالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر