باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئېرى تاماكا چەككەندە ئايالىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى

2018.07.12 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئالىملىرى تەخمىنەن 5 مىليون 800 مىڭ جۈپ تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇننىڭ ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ھامىلىدار بولۇش سانلىق مەلۇماتىنى قېزىپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە: ئېرى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %17 ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراش خەۋپ-خەتىرى ئېرىنىڭ تاماكا چېكىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدىكەن.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما شۈ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىل قىلىش ئۆمىكىنى يېتەكلەپ، 2010- يىلىدىن 2016-يىلىغىچە دۆلەت ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە ھەقسىز ساغلاملىق تەكشۈرۈش تۈرىگە قاتناشقان تەخمىنەن 5 مىليون 800 مىڭ جۈپ ھامىلىدارلىققا تەييارلانغان ئەر-خوتۇنلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش-ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئاساسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلدى، تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا خەلقئارالىق ژۇرنال «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە جامائەت ساغلاملىقى»دا ئېلان قىلىندى.

  تەتقىقاتتا، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ۋە ھامىلىدارلىق نەتىجىسىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىكى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلار بايقالدى: %29 ئەر تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، ئېرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى %2.92 بولغان، ئېرى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى 2.38 بولغان. ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى ئېرى تاماكا چېكىدىغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرى ئىچىدە، ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېرى يەنىلا تاماكا چەكسە، خوتۇنىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى %3.35 بولغان؛ ئەگەر ھامىلىدارلىقنىڭ ئەتراپ مەزگىلى (ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە) ئېرى تاماكا تاشلىسا، خوتۇنىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى %2.79كە تۆۋەنلىگەن، لېكىن بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپى يەنىلا ئېرى باشتىن ئاخىر تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللاردىن يۇقىرى بولغان.

  ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئېرى يۈز تۇرانە تاماكا چەكمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تاماكا چېكىش مۇھىتى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان ئاياللار ئىچىدىمۇ، ئېرىنىڭ تاماكا چېكىشى يەنىلا خوتۇنىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچى ما شۈ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشنى ئائىلىلەرگىچە كىرگۈزۈش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرانىڭ تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. بولۇپمۇ ئانىلار-بوۋاقلار سالامەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن، ئېرىنىڭ تاماكا چېكىشىنى كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى، ئېرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىنىش مەزگىلىدە تاماكا تاشلاش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر