ئاۋۇت بارات فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ، ئۆيدە مۇزلىتىلغان تاۋۇز يېيىش شۇنچىلىك راھەت. تاۋۇزنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئەمما مۇزلىتىلغاندىن كېيىن يېسە، كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ تاتلىق تېتىيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
تاۋۇز تەركىبىدىكى شېكەر فرۇكتوزىنى ئاساس قىلىدۇ، فرۇكتوزىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى بىلەن تېمپېراتۇرا زىچ مۇناسىۋەتلىك، 40 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، تېمپېراتۇرا قانچە تۆۋەن بولسا، تاتلىقلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ساخاروزىنىڭ 1.73 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. كونكرېت سەۋەبى شۇكى، فرۇكتوزىنىڭ α تىپلىق ۋە β تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل مولېكۇلا شەكلى بار، α تىپلىقنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى β تىپلىقنىڭكى ئاران %33گە توغرا كېلىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا، ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى β تىپلىق فرۇكتوزىغا قاراپ يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاۋۇزنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ. تاۋۇزدىن باشقا ئالما، ئامۇت، ئۈزۈم، لىجى مىۋىسى قاتارلىقلار كۆپ ساندىكى مېۋىلەرمۇ فرۇكتوزىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا مۇزلىتىلغاندىن كېيىن يېگەندە تېخىمۇ تاتلىق تېتىيدۇ. بىراق، تەركىبىدە ساخاروزا بىر قەدەر كۆپ بولغان مېۋىلەر، مەسىلەن، ئاپېلسىن، شاپتۇل، ئالۇچا، ئۆرۈك قاتارلىقلار مۇزلىتىلغاندىن كېيىن تەمىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئەگەر دەرھال يەپ بولالمىغاندا، توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش ئەڭ ياخشى ساقلاش ئۇسۇلى. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ پاكىز يۇيۇپ ئاندىن ساقلىماسلىق كېرەك، كۆپ ساندىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ بىر قەۋەت قوغدىغۇچى شىرنىسى بولىدۇ، ئەگەر يۇيۇۋەتكەندە، مېۋىنىڭ ساقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېۋە پوستى سىرتتىن سۇ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاسان سېسىپ كېتىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان مېۋە-چېۋە بىر قەدەر توڭ بولسا، بانان ياكى ئالما بىلەن بىللە قويۇپ، تېمپېراتۇرىنى ℃20دىن ℃27قىچە تەڭشەپ ساقلاپ، پىشقاندىن كېيىن توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك، بولمىسا سوغۇق ساقلىغاندىن كېيىن مېۋىنىڭ پىشىشى تەس، ھەتتا پىشمايدۇ. ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى، مەسىلەن، بېھى، بانان قاتارلىقلار ئادەتتە سوغۇق ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئاشقازان- ئۈچىيى ئاجىز ياشانغانلار، بالىلار ئەمدىلا توڭلاتقۇدىن ئالغان مېۋىلەرنى يېگەندە ئىچ سۈرۈش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى