باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كېسىلىنى مۇقىم بىر دوختۇرغا كۆرسەتسە ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ

2018.07.11 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېسىلىنى مۇقىم بىر دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە ئېكسېتېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوخشىمىغان داۋالاش سىستېمىسىدىكى توققۇز دۆلەت ۋە رايوندا ئېلىپ بارغان 22 تۈرلۈك تەتقىقاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىندا جۇڭگو تەيۋەندە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 400 مىڭ بىمارغا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر دوختۇردا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ كېسىلىنى كۆرسىتىدىغانلار دائىم دوختۇر ئالماشتۇرىدىغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يېرىم ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مۇقىم دوختۇر بولسا، شۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئىزچىل بولىۋاتقان ئائىلە دوختۇرى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كەسپىي كېسەللىك، روھىي كېسەللىك ۋە تاشقى كېسەللىك قاتارلىق ساھەلەردىكى دوختۇرلارمۇ بار.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئۇدا بىرلا دوختۇرغا كېسىلىنى كۆرسىتىدىغان بىمارلار، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق بويسۇنۇپ ۋە ئىممۇنىتېتلىق ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتا تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ھالدا دوختۇرخانىغا كىرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. بىمارلار ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان دوختۇرغا كېسىلىنى كۆرسەتسە، دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مۇمكىن بولۇپ، دوختۇرمۇ مول ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ، بەزىدە ھەتتا بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، دوختۇر بىمارنى ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تاپشۇرمىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ بىمارغا بىمارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش لايىھەسىنى بېرەلەيدۇ.

  ئەنگلىيەدە، مۇقىم دوختۇر ئىزدەپ كېسىلىنى كۆرسىتىدىغان بىمارلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ساھەسىدە، بۇ نىسبەتنىڭ بەش يىل ئىچىدىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى % 27كە يەتكەن. دېمەك، كېسىلىنى مۇقىم دوختۇرغا كۆرسىتىشنىڭ پايدىسىغا كىشىلەر ئۇزاق مەزگىلگىچە سەل قارىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر