باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا بەل ئايلانمىسى چوڭىيىپ كېتىدۇ

2018.07.09 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشى كىشىلەرنىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاپتورى، ئەنگلىيە لېدىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى لاۋرا خاد: «ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى يېتەرلىك ئۇخلاش مۇددىتى يەتتىدىن توققۇز سائەتكىچە»، دېدى.

  تەتقىقاتچىلار نېمە ئۈچۈن ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تېخى ئويلاشمىدى، لېكىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئاشقازاننىڭ كۆپ مىقداردا ئاچلىق ماددىسى قويۇپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  تەتقىقاتچىلار قۇرامىغا يەتكەن 1615 كىشىگە قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش مۇددىتى، شۇنىڭدەك يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى ۋە قان بېسىمى ھەمدە ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنى ئۆلچەپ باھالىدى.

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى كېچىدە ئالتە سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى توققۇز سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن ئۈچ سانتىمىتېر ئارتۇق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولغاندا قاندىكى «ئەلا سۈپەتلىك» خولېسترولنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. ئىلگىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە، «ئەلا سۈپەتلىك» خولېسترولنىڭ يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر