باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى چاي ئىچىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن

2018.07.06 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇرى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

  ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق تەتقىقاتچى، پىروفېسسور گاۋ شياڭ ۋە خېبېي تاڭشەن شەھەرلىك كەيلۇەن باش دوختۇرخانىسىدىن پىروفېسسور ۋۇ شوۋلىڭ يېتەكچىلىك قىلغان گۇرۇپپا 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، دائىم چاي ئىچىپ بەرگەندە ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ قېرىش جەريانىدا بەدەندىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى («ياخشى خولېستېرىن»)نىڭ تەبىئىي ئېقىپ كېتىشىنى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %8 تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يېشىل چاي بىلەن قىزىل چاينىڭ تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى ۋە كاتېخىننىڭ ياللۇغقا قارشى رولى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەن، بىراق يېشىل چاينىڭ «ياخشى خولېستېرىن»نىڭ تۆۋەنلىشىنى كېچىكتۈرۈش رولى قىزىل چاينىڭكىدىن سەل كۈچلۈك ئىكەن.

  ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتلاردا، چاي ئىچىشنىڭ بەدەندىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى («ناچار خولېستېرىن»)نىڭ مىقدارىنى ئازايتىش رولى بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسى بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقاتتا، چاي ئىچىشنىڭ قان تومۇر ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلانغان. بولۇپمۇ 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تاماكا چېكىش، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى ياكى جىسمانىي ھەرىكىتى ئازىيىش ئەھۋالى بار بولغاندا، چاينى كۆپ ئىچىشنىڭ كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر