باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقاتتا ئالزېيمېر كېسىلى قوقاق ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېيىلدى

2018.07.04 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇنتسىنايئىكان تېببىي ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دېگەن: ئۇلار بىر نەچچە مېڭە توقۇلما ئامبىرى ئەۋرىشكە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، 622 نەپەر ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار بىلەن 322 نەپەر غەيرىي بىمارنىڭ مېڭە توقۇلمىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بىمارنىڭ مېڭە قىسىمىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىش رايونىنىڭ 6A تىپلىق (HHV-6A) ۋە يەتتە تىپلىق (HHV-7 ) ئىنسانلاردا قوقاق ۋىرۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنىڭ دېۋەڭلىك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: يېڭى سانلىق مەلۇماتلار «كىشىنى قايىل قىلىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار» ئارقىلىق، قورقاق ۋىرۇسىنىڭ ئالزېيمېر كېسىلىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن ۋىرۇس پائالىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كېسەل پەيدا بولۇشى بىلەن سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز مۇناسىپ ئۆلچەش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بۇ ۋىرۇسلارنى ئۆز بەدىنىدە ئېلىپ يۈرگەن ھەمدە باشقا ئالزېيمېر كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتەر ئامىلىمۇ مەۋجۇت بولغان ئادەملەرنى ئىلغاپ چىقالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر