باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پىئانىنو چېلىپ بېرىش بالىلارنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق

2018.06.27 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئامېرىكا پەن تەتقىقات خادىملىرى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىئانىنو چېلىپ بېرىش بالىلارنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇلارنىڭ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن، لېكىن بۇنىڭ بالىلارنىڭ بىر پۈتۈن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تېخى تولۇق ئەمەس ئىكەن.

  بۇ تەتقىقات ئەڭ يېڭى بىر سان ئامېرىكا «دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان، ئامېرىكا ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى مەيگېۋىن مېڭە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى روبېرت دېسىمون، جۇڭگو بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلىش نېرۋا ئىلمى ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ نەنيۈن قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە تاماملانغان.

  تەتقىقاتچىلار بېيجىڭدا خەنزۇچە سۆزلەيدىغان 4- 5 ياشقىچە بولغان بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىرىنجى گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 45 مىنۇتلۇق پىئانىنو مەشىقىنى قوبۇل قىلغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرمۇ ئوخشاش ۋاقىت ۋە ئوخشاش قېتىم سانىدىكى ئوقۇش مەشىقىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر مەشىق قىلدۇرۇلمىغان. ئالتە ئايدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ سوزۇق تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرۈش، ئۈزۈك تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئاھاڭنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارلىرى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار پەقەت بىرلا ئۈزۈك تاۋۇش بولغان ئوخشاش بولمىغان ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرگەندە، پىئانىنو دەرسىگە قاتناشقان بالىلار ئوقۇش دەرسىگە قاتناشقان بالىلارغا قارىغاندا ياخشى بولغان؛ سوزۇق تاۋۇشلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرگەندە، پىئانىنو دەرسىگە ۋە ئوقۇش دەرسىگە قاتناشقان ئىككى گۇرۇپپا بالىلار ئۇ خىل دەرسلەرگە قاتناشمىغان بالىلارغا قارىغاندا يەنە ئۈستۈن تۇرغان.

  ئۇندىن باشقا، بۇ بالىلارنىڭ مېڭە پائالىيىتىگە ئېلىپ بېرىلغان ئېلېكتىروئېنسېفالوگرامما تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىئانىنو چېلىش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلار خەنزۇ تىلىدىكى ئوخشىمىغان ئاھاڭنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار باشقا گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا قارىغاندا ئىنكاسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان.

  تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، پىئانىنو مەشىقى بالىلارنى مۇزىكىدىكى تون پەرقىگە تېخىمۇ سەزگۈر قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىكەن.

  ئەمما تەتقىقاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ئەقىل بۆلۈنمىسى، دىققىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىناقلارنىڭ ھەممىسىدە، ئۈچ گۇرۇپپا بالىلاردا ھېچقانداق پەرق مەۋجۇت بولمىغانلىقى بايقالغان، ھەمدە پىئانىنو دەرسىنىڭ بالىلارنىڭ بىر پۈتۈن بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە تېخى دەلىل-ئىسپاتلار بايقالمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر