باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئالاقە كۆپ بولغانسېرى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولۇپ، يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن

2018.06.26 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماركس: ئادەمنىڭ ماھىيىتى بولسا بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتمۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئىنتايىن مۇھىم، دېگەن. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدىكەن.

  ئامېرىكا ئوخىئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى ئېلزابىت كوبى تەتقىقات ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىچىك چاشقانلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىر گۇرۇپپا كونا ئەندىزە بويىچە جۈپ بولۇپ ياشىغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدا ھەر يەتتە چاشقان توپلىشىپ ئۈچ ئاي بىللە ياشىغان، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دائىم بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان ئىجتىمائىي ھەمتۈرتكە ئېلىپ بېرىلغان. تەجرىبىگە قاتناشقان كىچىك چاشقانلارنىڭ يېشى 15تىن 18 ئايغىچە بولۇپ، بۇ ياشتىكى كىچىك چاشقانلار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تەبىئىي ھالدا زەئىپلىشىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرىدىكەن، كېيىنكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆلچەش جەريانىدا، توپلىشىپ ياشايدىغان كىچىك چاشقانلارنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. ئارقىدىن، تەتقىقاتچى خادىملار كىچىك چاشقانلارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىپ، جۈپ بولۇپ ياشىغان كىچىك چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭە ياللۇغلىنىش سەۋىيەسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ، بىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشنىڭ بىئولوگىيەلىك ئاساسى.

  ئېلزابىت كوبى: «تەتقىقاتىمىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە زېھنىي ئىقتىدارنى ساقلاش ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە پائال رول ئوينايدىكەن. بىر چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بار بولۇش چوڭ مېڭە ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن»، دېدى. ئۇ تەكلىپ بېرىپ، ياشانغانلار ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنى ساقلاش ئۈچۈن، توپتىن ئايرىلىپ ياشىماسلىقى، كۈتۈنۈشكە مۇۋاپىق جاي تاللىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، ھەم قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر