باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسا، ئايالىنىڭ ھامىلىدار بولۇشى تەس بولىدىكەن

2018.06.22 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روھىي بېسىم بەختلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە بالىلىق بولۇشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئېرىنىڭ روھى چۈشكۈن بولسا، ئايالىنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

  تۇغماسلىق ۋە خامۇشلۇق كەيپىياتى ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رەتلەپ ئانالىز قىلغان. نورمال ئەھۋالدا، بالىلىق بولالمىغان ئەر-ئاياللار بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ياكى دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرەلەيدىكەن. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، خامۇشلۇق كەيپىياتى بىر قىسىم بالىلىق بولۇشقا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، بولۇپمۇ ئېرىنىڭ پىسخىك بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە، خامۇشلۇق كەيپىياتى ئىسپېرما ئىچىدىكى ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىپ، ئەر-ئايالنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولۇپ بالىلىق بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى %60 تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى، دوكتور ئېستىر ئېيسىنبېرگ: «يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە، ئالىملار ئاندىن ئەرلەر پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ تۇغۇتقا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئەرلەرنىڭ كەيپىيات بېسىم ئۆلچىمى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوڭۇشلۇق بالىلىق بولۇش-بولالماسلىقىدا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مۆلچەرى قىممىتى بار. تەتقىقاتىمىز ھامىلىدار بولالمىغان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ دوختۇرلىرىنى يېڭى ئۇچۇر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى، داۋالاش قارارى چىقارغاندا، ئويلىشىپ بېقىش كېرەك»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر