باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېلگىيە ساغلاملىق ئالىي كومىتېتى دوكلاتىدا مۇنداق تەكلىپ بەردى:

ھەر ھەپتىدە ئون رومكىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ

2018.06.21 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېلگىيە ساغلاملىق ئالىي كومىتېتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشىنى، ھەر ھەپتىدە ئون رومكىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.

  «ھاراق ئىچىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى» توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھاراق ئىچسە يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، راك ۋە جىگەر كېسىلى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەر كۆپىيىپ، ئادەمنى ئاسانلا ئىسپىرتقا خۇمار قىلىپ قويۇپ، پىسخىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئىسپىرت يەنە ئەستە تۇتۇشتىكى توسالغۇنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە، ئۇ يەنە چوڭ مېڭىگە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىسپىرت يەنە ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە زوراۋانلىق پەيدا قىلىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىپ، ئائىلە، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  مەزكۇر بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ھەپتىدە پەقەت 10 رومكا ھاراق ئىچسە، (بۇ يەردىكى بىر رومكا ئادەتتە 100 مىللىلىتىرلىق ئۈزۈم ھارىقى رۇمكىسى ياكى 250 مىللىلىتىرىق پىۋە رۇمكىسىنى كۆرسىتىدۇ) مۇۋاپىق مىقداردا بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 10 رومكا ھاراقنى بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان كۈنلەردە ئىچىش كېرەك. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىندى: ھاراقنى تېز ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن يېمەكلىك يەۋېلىپ ئاندىن ئىچىش، ھەمدە يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچىپ تۇرۇپ ئىچىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر