باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ توغرا بولغان يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟

2018.06.21 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: راك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، راك كېسىلى ئەسلىدىنلا «خوراش خاراكتېردىكى كېسەللىك»، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەگەر بىمارلار كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا ئاساس بولغۇدەك ياخشى ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىسە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلىشى، ئەگەشمە كېسەللىك يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىگە كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. راك كېسىلى ئەسلىدە ئاسانلا قايتا قوزغىلىدىغان كېسەللىك، لېكىن ھازىر تەتقىقاتتا تېخى قايسى خىل يېمەكلىكنىڭ راك كېسىلىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپات يوق، شۇڭا «راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يەل كېلىدىغان نەرسىلەرنى يېسە بولمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساس يوق.

  راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ توغرا بولغان يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە پىرىنسىپ بار:

  1. ئوزۇقلىنىشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئەھۋالى بار بىمارلارغا قارىتا يەككىلەشكەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  2. يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇش، ماسلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. قوبۇل قىلىش تەكشى بولۇش، ئوزۇقلۇق ئومۇميۈزلۈك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى يەيدىغان يېمەكلىكلەر ئاز دېگەندە 12 خىلغا يېتىش كېرەك.

  3. مايسىز بولۇشنى ئاساس قىلىش، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك. تاماق قېتىم سانىنى كۆپەيتكەندە ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  4. يېمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇشتا كېسەللىك ئەھۋالى، كېسەل مەنبەسى ۋە ئوخشاش بولمىغان بىمارلارنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش لازىم. ئادەتتە، بىمارلارغا چەك قويۇلىدىغان ياكى بىمار پەرھىز تۇتىدىغان يېمەكلىكلەردىن مايدا پىشۇرۇلغان، ئىسلانغان، كاۋاپ قىلىنغان، ئاچچىق، مايلىق، قاتتىق يېمەكلىكلەر بار.

  5. راك كېسەللىكىدىن ساقلايدىغان، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاش لازىم. مەسىلەن، كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چېۋىلەر (سەرەبىل، سەۋزە، پالەك، شوخلا، بەرەڭگى، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار)، دادۇر ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى، يېيىلىدىغان زەمبۇرۇغ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، دېڭىز يۈسۈنلىرى تۈرىدىكىلەر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر