باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قەھۋە ئىچىش كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن

2018.06.20 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قەھۋە ئىچىش خىزمەتچىلەرگە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئىككى تۈرلۈك سىناق ئارقىلىق يۇقارقى يەكۈننى چىقاردى. بىرىنچى تەجرىبىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 72سى قاتناشتى، ئۇلار ئىشتىن بۇرۇن سىناق مەقسىتىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ يېرىمى ئالدى بىلەن بىر تۈرلۈك قەھۋە تېتىپ بېقىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئارقىدىن كوففېئىننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 30 مىنۇتلۇق ھەمكارلىق ۋە 15 مىنۇتلۇق تېما مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. قاتناشقۇچىلارنىڭ قالغان يېرىمى ۋەزىپە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەھۋە تېتىشقا قاتناشتى. ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى سەپداشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ باردى، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋۋال قەھۋە ئىچكەن بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە قارىغاندا ئۆزى ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ باھا بەرگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىككىنچى تۈرلۈك تەجرىبىدە، بارلىق ئەزالار رەھبەرسىز گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، قەھۋە ئىچكەن قاتناشقۇچىلار قەھۋە ئىچمىگەن قاتناشقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ پاراڭچى بولۇپ كەتكەن ھەمدە كۆز قارىشى ئاساسىي تېمىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان.

  ئوخېئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى ئامىت سىنگى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەھۋەنىڭ كوللېكتىپ ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى كىشىلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرۈشتە بولۇپ، دەل بۇ خىل سەزگۈرلۈك كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىپادىسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر