باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېسىم كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالىدىكەن

2018.06.20 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەھدىت سالىدىكەن. يېقىندا، داڭلىق ژۇرنال «ئۆزگىرىشچان روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇشتا زەربىگە ئۇچراش بەزى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ياكى روھىي زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل بېسىم كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئىرسىيەت قالىدىكەن، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار «ناچار بالىلىق ئۆتمۈشى»نى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 28 ئەرنىڭ 18 ياشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇشتا جاراھەتلىنىش دەرىجىسىنى باھالىغان، تەكشۈرۈش سوئاللىرى جىسمانىي، تىل ياكى جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانمۇ-يوق؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن سەل قارالغان، دەپ قارامدۇ-يوق؟ ھەمدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئەرلەر ياش ۋاقتىدا يولۇققان جاراھەت قانچە ئېغىر بولسا، جىسمانىي، روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە چوڭ بولۇپ، ئىسپېرمىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن.

  ئامېرىكا تافس ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ يېتىلىش، مولېكۇلا ۋە خىمىيەلىك بىئولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى لاررى فېگنىڭ دېيىشىچە، بۇ تەتقىقاتتا، بالىلاردىكى بەزى ئاجىز مىجەزلەرنى بەلكىم ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇش كەچۈرمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەيدىغان مۇنداق بىر خىل ئېھتىماللىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، ئامېرىكا كانساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى داۋىد دىكسون: «قارىشىمىزچە، روھىي بېسىم ئاستىدا ئىسپېرمىنىڭ ئۆزگىرىشى پەرزەنتلەرنىڭ كېيىنكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىۋېتىدىكەن. بىز كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭ بىلەن ئىسپېرما ئۆزگىرىشىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان كونكرېت تەسىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىساق بەلكىم كەلگۈسىدە بۇ ئارقىلىق ئىسپېرمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر