باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خىزمەتچىلەر ئاشقازىنىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

«بەشنى قىلىش» ۋە «بەشنى قىلماسلىق»نى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك

2018.06.19 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاشقازاننىڭ ئادەم بەدىنىگە قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئەگەر ئاشقازاندىن چاتاق چىقسا، ئۇنداقتا ئامراق نەرسىلەرنى تويغىچە يېگەندىن كېيىن، ئاغرىق ئازابىغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. ۋەھالەنكى، كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچىلەر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولماقتا. خىزمەتچىلەر ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟

  جۇڭگو تېبابىتىدە «كېسەلنى كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى داۋالاش» دەيدىغان قاراش بار، يەنى كېسەللىك يۈز بەرمىگەن چاغدا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىلىدۇ. دېمەك، ئاشقازاننى قوغداشتا، خىزمەتچىلەر ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چوقۇم ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى «بەشنى قىلىش» ۋە «بەشنى قىلماسلىق»قا يەكۈنلەشكە بولىدۇ.

  ئاۋۋال «بەشنى قىلىش»نى كۆرۈپ باقايلى، «بەشنى قىلىش» تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. ناخشا ئېيتىش: ئاۋازنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتىش نەپەسلىنىشنى غىدىقلاپ، بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، بەدەن ئىچىدىكى ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ئىچىدە توختاپ قالغان گازنى ئۈنۈملۈك چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

  2. سەكرەش: ئۇسسۇل ئويناش، سەيلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  3. كۈلۈش: تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر بىر كۈلگەندە، يۈز قىسمىدىن قورساققىچە بولغان تەخمىنەن 80 پارچە مۇسكۇل ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، دائىم كۈلۈش ئاشقازان قىسمىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.

  4. ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش: ئۆزگەرتەلمەيدىغاننى قۇبۇل قىلىش، قۇربى يېتىدىغاننى ئۆزگەرتىش كېرەك.

  5. ئاداۋەتنى ئۇنتۇش: بىر سۆيۈملۈك «ئەخمەق» بولۇپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش لازىم.

  «بەشنى قىلماسلىق» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە ئاندىن تاماق يېيىش: ئادەم ئاچ قالغان چاغدا، دائىم چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس.

  2. ئۇسساپ كەتكەندە ئاندىن سۇ ئىچىش: ئەگەر سۇ كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىش، ئېغىزى قۇرۇش، ماغدۇرسىزلىنىش بولغاندا ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايلا قالماستىن، يەنە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، زەھەرلىك ماددا يىغىلىپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. چارچىغاندا ئاندىن ئارام ئېلىش: زىيادە چارچاش ئاشقازان-ئۈچەيگە قان يېتىشمەسلىك، ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بۇزۇلۇش، ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپىيىش ھەم شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئازىيىشنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. ئۇيقۇسى كەلگەندە ئاندىن ئۇخلاش: ئۇيقۇسى كېلىش چوڭ مېڭە ئاللىقاچان خېلىلا ھېرىپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى، زىيادە تۈنەش ئادەمنى نېرۋا سىستېمىسى ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش سەۋەبلىك نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، يارا پەيدا بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

  5. ئاغرىپ قالغاندا ئاندىن پۇشايمان قىلىش: بالدۇر ئالدىنى ئېلىش قارىشىنى تىكلەش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كېسەلگە قاراپ داۋالىنىش كېرەك، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاشقازان ئاغرىغاندا ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر