باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق مەسلىھەت بەردى: كېچىلەپ مۇسابىقە كۆرگەندە، ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم

يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم بار توپ مەستانىلىرى چوقۇم كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىشى، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى مېڭىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك

2018.06.14 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا لوڭقىسى باشلاندى، تۆت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان مۇسابىقە توپ مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالدى. بىراق دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كېچىلەپ مۇسابىقە كۆرگەندە كۆرۈلىدىغان ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرىدىن ئېھتىيات قىلىش زۆرۈر.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، توپ مەستانىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چېڭدۇ شەھىرى 3-خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى «دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىۋېرسال ئامبالاتورىيەسى»نى تەسىس قىلىپ، «دۇنيا لوڭقىسى كېسەللىكى» بىمارلىرى ئۈچۈن يېشىل كارىدور ئېچىپ بەرگەن.

  «دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىۋېرسال ئامبالاتورىيەسى»نى تەسىس قىلىش __ شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. چېڭدۇ شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسى جىددى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: 24 سائەت دوختۇر بولۇشتىن باشقا، ئامبالاتورىيە يەنە جىددى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، بىمارلارغا يېشىل كارىدور ئېچىپ، بىرىنچى قەدەمدىلا مۇناسىۋەتلىك داۋالاشقا ئېرىشتۈرىدۇ.

  شياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» ئاساسلىقى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىسى، يۈرەك قان تومۇرى جەھەتتىكى كېسەللىكلەر. توپ كۆرگەندە كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشى، كېچىچە ئۇخلىماي مۇسابىقە كۆرۈش بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئىككىنچىسى، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى. بىر تەرەپتىن مۇسابىقە كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يېيىش ياكى ھاراق ئىچىش كۆپلىگەن توپ مەستانىلىرىنىڭ ئادىتى، بىراق بۇ ئاشقازان-ئۈچەيگە بىر قەدەر زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچىسى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى. مۇسابىقە كۆرگەندە ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچسە، ئىچى ئاسان قىزىيدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىيىمىنى سېلىۋەتسە ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆتىنچىسى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى. يېشى بىر قەدەر چوڭ توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن، دەم ئېلىش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كەيپىيات داۋالغۇشىنىڭ چوڭ بولۇشى ئاسانلا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  شياڭ تاۋ مۇنداق ئەسكەرتتى: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىمى بار توپ مەستانىلىرى چوقۇم كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىشى، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى مېڭىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بويۇن ئومۇرتقا، بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى بار توپ مەستانىلىرى توغرا بولغان ئولتۇرۇش قىياپىتىگە دىققەت قىلىشى، ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر