باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەش ياشتىن كېيىنمۇ ئورۇنغا سىيىپ قويغانلار ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ

2018.06.12 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىدىن تورداش لى خانىم مۇنداق سوئال سورىدى: مېنىڭ بالام بەش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆرپىگە سىيىپ قويىدۇ، بۇ كېسەللىكمۇ- ئەمەسمۇ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەكمۇ؟

  بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جى لىنا مۇنداق جاۋاب بەردى: بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك بالىلارنىڭ ئورۇنغا سىيىپ قويۇشىنى نورمال ھادىسە دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن نېرۋىنىڭ تەدرىجىي ھالدا يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى بالىلار ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندىلا كۈندۈزى سىيىشنى كونترول قىلالايدۇ، كېچىچە تولۇق ئۇخلىيالايدۇ ياكى سىيگۈسى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالىغاندا ئويغىنالايدۇ. ئەگەر بەش ياشتىن يۇقىرى بالىلار دائىم ئورۇنغا سىيىپ قويسا، سىيگەكلىك كېسىلى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك.

  ئۇيقۇلۇقتا ئورۇنغا سىيىپ قويۇش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ كېسەللىك بولۇپ، نېرۋا، سۈيدۈك ئاجرىتىش، ئىچكى ئاجىراتما، پسىخىكا قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىدا مەلۇم ئىرسىيەت ئامىلىمۇ بار. دېمەك، سىيگەكلىك بالىنىڭ خاتالىقى ئەمەس، تىللاشقا ھەرگىز بولمايدۇ. سىيگەكلىك كېسىلىنى داۋالىمىغاندا، بالىلارغا ناھايىتى زور زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۇيقۇغا ۋە زېھنى كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۈندۈزى دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىچ كىيىمى دائىم نەم بولغاچقا، ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ بالىنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيقۇلۇقتا ئورۇنغا سىيىپ قويۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى بالىلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، قورقۇنچاق بولۇپ، يازلىق لاگېر قاتارلىق سىرتتا قونىدىغان كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا پېتىنالمايدۇ ھەمدە دائىم تىت-تىت بولۇش، جىم تۇرالماسلىق، كىشىگە ئارىلاشماسلىق قاتارلىق روھىي نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇلۇقتا ئورۇنغا سىيىپ قويۇش كېسىلى يەنە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇيقۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن، كىرلىك ئالماشتۇرۇپ بېرىش، بالىنى يۇيۇندۇرۇش، بالىنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار.

  ئۇيقۇلۇقتا ئورۇنغا سىيىپ قويۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشكە مۇھتاج. نۆۋەتتە، داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. ئاساسىي داۋالاش: ئاساسلىقى دەم ئېلىش ئادىتىنى تەڭشەش، بالىلارنى ياخشى بولغان كىچىك تەرەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىش ھەمدە خاتىرىلەش لازىم، ئىلگىرىلەش بولغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ماختىسا ۋە مۇكاپاتلىسا بولىدۇ. ئاكتىپ بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، بىر قىسىم بالىلاردىكى كېسەللىك ئالامىتى پەسىيىدۇ.

  2. بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش: مەسىلەن، دورا ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىقتىن سىگنال بېرىش ئەسۋابى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە، كۆپ قىسىم بالىلاردىكى كلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  3. قوشۇمچە داۋالاش: دوۋساق ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، سۈيدۈك كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، دوۋساق ھەجمىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ، مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى بالىلار ساقىيىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر