باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

لەۋگە قاراپلا بەدەننىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ

2018.06.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لەۋنىڭمۇ بەزىدە بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى تور بىكىتى ئامېرىكا تېرە كىسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دىئان مەدفاسنى تەكلىپ قىلىپ، لەۋدىن بىلگىلى بولىدىغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  1. لەۋ ئىششىپ قېلىش. بۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزدىن ياش ئېقىش، تېرە قىچىشىش ۋە يەلتاشما قاتارلىق باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇلارنى بەلكىم يېڭى لەۋ سۇرۇخ، يېگەن يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىششىپ ئاغرىش ئېغىر بولسا، جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

  2. بەزى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى كەمچىل بولۇش. ئەگەر لەۋ بىردىنلا قۇرغاقلاشسا، ياكى جاۋغاي يېرىلىپ ئاغرىسا، بەلكىم تۆمۈر، سىنك، ۋىتامىن B3 ياكى B6 كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئەگەر جاۋغاي ھەمىشە يېرىلىپ كەتسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. قىزىل گۆش، كېتا بېلىقى، تۇخۇم ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلاردا تۆمۈر ۋە سىنك مول بولۇپ، كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكى ئىستېمال قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

  3. شۆلگەي ئېقىش. جاۋغاي يېرىلغان جاينىڭ ئاغرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، بەلكىم شۆلگەي ئېقىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى جاۋغاي ياللۇغى. ئەگەر ئۇخلىغاندا چىشنى غۇچۇرلاتسىڭىز ياكى يالغان چىش سالدۇرغان بولسىڭىز، ئۇخلىغاندا شۆلگەي جاۋغايغا يىغىلىپ، ئېچىتقۇچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېچىتقۇچى باكتېرىيەلەر بىر كېچىدىلا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، لەۋنىڭ يۇمران جايىدىكى تېرىنى يېرىۋېتىدۇ. چىش غۇچۇرلىتىدىغانلار كېچىدە چىش غۇچۇرلىتىشتىن ساقلىنىش تەگلىكى تاقىسا بولىدۇ، يالغان چىشتا مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  4. بېسىم ئېغىر بولۇش. ئىنتايىن زور بېسىمغا ئۇچرىغاندا، لەۋ ئەتراپىدا بىر نەچچە ئېغىز- كالپۇك قوقىقى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارى زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى. ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشنى ئۆگىنىش، ئۆزىگە بەك زور بېسىم قىلىۋالماسلىق لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر