باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى

دۇنيا لوڭقىسى «چوڭ ئىمتىھانى» ئالدىدا، كۈچلۈك كوماندىلار ئۈچۈن نېمىلەر زۆرۈر؟

2018.06.06 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا، ھەر قايسى كۈچلۈكلەر كەم-كۇتە نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ، «پىچىقى»نى ياخشى بىلىگەندە، ئاندىن بۇ «چوڭ ئىمتىھان»نى ياخشى بېرەلەيدۇ.

  رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى 23 كىشىلىك تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ بولدى، مۇسابىقە باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ھەر قايسى كوماندىلار بىر-ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇردى. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يېقىنلاشقانسىرى، ھەر قايسى كوماندىلار پۈتۈنلەي مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، خۇددى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش، ھەر قايسى كۈچلۈكلەر كەم-كۇتە نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ، «پىچىقى»نى ياخشى بىلىگەندە، ئاندىن بۇ «چوڭ ئىمتىھان»نى ياخشى بېرەلەيدۇ.

  گېرمانىيە كوماندىسى __ ئەسقاتىدىغان B پىلان

  گېرمانىيە كوماندىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە 2:1 نەتىجە بىلەن ئاۋستىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇسابىقە جەريانىدا لوئېۋ جەمئىي 17 ئادىمىنى سىنىدى، بىراق 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى كوماندىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان « ئەسقاتىدىغان B پىلان»نىڭ يوق بولۇش مەسىلىسى يەنىلا كوماندىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. لوئېۋنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى باش ئاغرىقى بولسا، كوماندىدا كۈچلۈك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولماسلىق بولۇپ، ئۇ چاغدا پەقەت ئۆزىل ياكى گوتزىنى ئالدىغا قويۇپ، ھۇجۇمچىسىز سەپ شەكلىدە ئويناشقا مەجبۇر بولاتتى. ھازىر ۋېرنا قاتارلىق كۈچلۈك ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، بىراق مۇسابىقىنىڭ قاتمال ھالىتىنى بۇزالايدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇن كەم بولماقتا. سانې زېرەك پۇتبولچى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ كوللېكتىپ تاكتىكىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا سىڭىشىپ كىرەلمىدى ۋە ئاخىرىدا تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالدى، بارغانسىرى جاھىللىشىپ كەتكەن لوئېۋ كىمگە ئۈمىدىنى تىكەر؟ «كىچىك راكېتا» رېئۇسقىمۇ ياكى قېرىغان گومېزغىمۇ؟

  ئارگېنتىنا __ ساغلام مېسسى

  پۈتۈنلەي ئويلىغىنىدەك بولمىغان كۇلۇبلار مۇسابىقە پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرغان مېسسى دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ، ھايدى كوماندىسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئۈچ توپ ئۇرۇپ، ئاگيۇروغا بىر پاس بەردى. ئۆزى يالغۇز تۆت توپنى بەلگىلەپ، چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مېسسىنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى جىسمانىي ھالىتىدە ئەكسىچە ياخشىلىنىش بولدى، بۇرۇنقى ئەھۋاللاردىكىدەك مەيداندا قۇسۇدىغان ئەھۋال بۇ ئىككى يىلنىڭياقى ئاساسەن كۆرۈلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىسىدە، مېسسى ئاساسەن كۈچىنى ئاياپ قويدى. 30 ياشتىن ئاشقان مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە كۇلۇبى ئۈچۈن 52 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، ئۇ ئالدىمىزدىكى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇسابىقىلەردە ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلىيالىسا، ھەشەمەتلىك ھۇجۇم سەپ شەكلىگە ئىگە بولغان ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت بولغان بولىدۇ.

  فىرانسىيە __ تاكتىكا يادروسى

  دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئېرلاندىيە ۋە ئىتالىيەنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، تىرېنېر دېشامپىسمۇ «تاتلىققىنە دەرت»كە قالدى. ھەر قايسى توپچىلارنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىرەر سەركەردىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ رابىيوتنى تىزىملىكتىن قالدۇرۇۋېتىشىمۇ پوگباغا ئىشەنگەنلىك ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، بىراق مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرىلىشى ئاستا، تولىسو ۋە كانتې قاتارلىق توپچىلارنىڭ سەركەردە بولىدىغانغا سالاھىيىتى ئاجىزلىق قىلاتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىلىنىپ چىققان مەسىلە تا ھازىرغىچە ھەل بولمىدى دېيىشكە بولاتتى. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا مەيداننى قانداق رەتلەش، كۆپچىلىككە قارشى ھالدا پوگبانى قوللاش ياكى مۇسابىقىنى بىراقلا پۇتبولچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەكمۇ؟ دېشامپىسنى سىناۋاتقىنى مۇسابىقىگە تىرېنېرلىق قىلىش ئىقتىدارىلا بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەش ئىدى.

  ئەنگىلىيە __ چوڭ مۇسابىقىلەردىكى تەجرىبە

  ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقىنى چوڭ مۇسابىقىلەردىكى تەجرىبىسى بولۇپلا قالماي، يەنە «ھەر قايسى بۆلەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش» تەجرىبىسى. ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ساۋسگايتنىڭ چوڭ ئۆزگەرتىشى ئاستىدا ئەنگلىيە كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياشقىمۇ بارمايدىغان ياشلار كوماندىسىغا ئۆزگەردى. يېقىندىلا نېگىرىيە كوماندىسىنى يەڭگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، ئەنگلىيە كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان توپچىلارنىڭ ئىچىدە توتتېنھام، مانچېستىر بىرلەشمىسى، مانچېستىر شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ كوماندىدىن كەلگەن پۇتبولچىلارنىڭ سانى توققۇزغا يەتتى. ئەنگلىيە كوماندىسى بۇ ئۈچ كۇلۇب ماھىرلىرىنى ئاساس قىلغان ئاساسلىق ئەزا سېپىنى قۇرۇپ بولدى، بىراق بۇ توپچىلارنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى ۋە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تەجرىبىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ھەر قايسى بۆلەكلەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىلا داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  پورتۇگالىيە __ ئىشەنچىلىك ھۇجۇمچىلار سېپى

  يەنىلا ئاشۇ گەپ، بارلىق پورتۇگال ھۇجۇمچىلىرىنىڭ تەلىيى بىر ئېسىبيوغىلا ئۆتۈپ كەتكەن. يېقىنقى بىر قانچە نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىلەردە پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى تازا مۇكەممەل بولمىدى، بۇ، كىرىستيانو رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىدا بىر ئادەم كۆپ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تۇنىس ۋە بېلگىيە بىلەن بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى تەڭلىشىپ قېلىش ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونىنىڭ بېكلەر مۇقىم، لېكىن ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئۆتكۈر بولماسلىقتەك ئەھۋالىنى قايتا ئىپادىلەپ قويدى. ھېلىمۇ ياخشى ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئادىرىيان سىلۋانىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، تۇنىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چىرايلىق بىر كاللا توپ كىرگۈزدى. ناۋادا ئۇ كاپىتان رونالدوغا تېخىمۇ كۆپ ياردەملىشەلىسە، ئېنىقكى بۇ پورتۇگالىيە كوماندىسى رۇسىيەدە تېخىمۇ ئۇزاق يۈرەلەيدۇ.

  بىرازىلىيە __ خۇشال نېيمار

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە قالتىس توپتىن بىرنى ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن نېيمار بۇ نۆۋەتلىك دىتې يېتەكلىگەن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ۋە سۈرئىتى تېز قىياپىتىنى تېز سۈرئەتتە كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلدى. بەش يۇلتۇزلۇق بىرازىلىيەنىڭ بۇ ئىپادىسى كىشىلەرگە كورېيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ يادروسى رونالدونىڭ كۆپ قېتىملىق يارىلىنىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ، دۇنيا لوڭقىسىدا قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلەتتى. ناۋادا نېيمار ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئۈلگىسى رونالدۇنى دورايمەن دېسە، ئۆزىنىڭ ئەسكى مىجەزىنى چوقۇم تەڭشىمىسە بولمايدۇ. بارغانسىرى سەركەردىلىك ئورنىغا مېڭىۋاتقان نېيمار ئەگەردە ئۆزىنىڭ ئەسكى مىجەزىنى يىغىشتۇرۇپ، سابىق ئۇستازلىرىغا ئوخشاش پۇتبول خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنەلىسە، ئاندىن مەيداندا «چىرايلىق پۇتبول»نى تېپەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر