باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ئىككى نەپەر پراكتېكانت قوبۇل قىلىدۇ

2018.06.06 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ھەققىدە:

  خەلق تورى 1997- يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تورلىرىنىڭ سەركىسى، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا زور تەسىر كۈچىگە كە ئىگە. نۆۋەتتە خەلق تورىنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قاتارلىق 16 خىل يېزىقتىكى 17 خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، كۈندە 24 سائەت پۈتۈن يەر شارىدىكى تورداشلارنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەلق تورىنىڭ تور ئابونتلىرى 200دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان بولۇپ، 2012-يىلى 4-ئايدا خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتى غەلىبىلىك ھالدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان.

  تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ئىككى نەپەر پراكتېكانت مۇھەررىر قوبۇل قىلىدۇ.

  بىرىنچى: ئاخبارات مۇھەررىرلىك يۆنىلىشى

  ئاساسىي تەلەپ:

  1. جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك، پارتىيەنىڭ سىياسەت- بەلگىلىمىرىگە، قانۇن ـ پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان بولۇشى كېرەك.

  2. ئۇيغۇرچە ـ ۋە خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان، ئۇيغۇرتىلى ئاساسىي كۈچلۈك، تەرجىمىگە ماھىر، مۇئەييەن دەرىجىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، ئۆگىنىشكە ماھىر، تىرىشچان بولۇشى كېرەك.

  3. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ياكى مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقان ياكى ئۇنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك، ئاخبارات، تىل ـ ئەدەبىيات، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپتىكىلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

  4. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان office، photoshop قاتارلىقلاردا يېزىق ۋە سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى: يېڭى تاراتقۇ يۆنىلىشى

  ئاساسىي تەلەپ:

  1. جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك، پارتىيەنىڭ سىياسەت- بەلگىلىمىرىگە، قانۇن ـ پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان بولۇشى كېرەك؛

  2. ئۇيغۇرچە ـ ۋە خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان، ئۇيغۇرتىلى ئاساسىي كۈچلۈك، تەرجىمىگە ماھىر، مۇئەييەن دەرىجىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، ئۆگىنىشكە ماھىر، تىرىشچان بولۇشى كېرەك؛

  3. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ياكى مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقان ياكى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك. ئاخبارات، تىل ـ ئەدەبىيات، جەمئىيەتشۇناسلىق، رادىيو- تېلېۋىزىيە، لايىھەلەش، ئۈن- سىن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

  4. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان office، premiere، photoshop قاتارلىقلاردا يېزىق، سۈرەت ۋە سىنلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  پراكتېكا ئىش ئورنى ھەققىدە

  1. كەلگەن پراكتېكانتلارغا مەلۇم دەرىجىدە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  2. خەلق تورىنىڭ پراكتېكا ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىلىدۇ، كۈنلۈكىگە 30 يۈەن بېرىلىدۇ، مەلۇم تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ تاماملىغانلارغا مەلۇم مىقداردا ئىش ھەققى قوشۇلىدۇ.

  3. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00دە ئىشقا چىقىپ، چۈشتە 11:30دا ئىشتىن چۈشىدۇ، 13:00دە ئىشقا چىقىپ چۈشتىن كېيىن 17:00 ئىشتىن چۈشىدۇ.

  4. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىدە خىزمەت قىلىدۇ.

  پراكتېكا قىلىشنى خالايدىغان، ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دوستلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئېلخەت: uyghur@people.cn

  تېلېفون: 65368402- 010 (بېيجىڭ ۋاقتى 8:30- 11:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن 14:00تىن 17:00گىچە تېلېفون قۇبۇل قىلىنىدۇ).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر