باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىز بالىلارنىڭ «مۇھىتى» ھېسابلىنىمىز

2018.06.01 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «نېمە ئۈچۈن قارىماققا ناھايىتى شالاڭ كۆرۈنىدىغان ئورمانلىقنى ئېلىپ قالىمىز؟»، ئەسلىدە بۇ يەر كىتاب ئوقۇيدىغان ئورمانلىق ئىدى. سۇجياتاڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشى قىلغاندا كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بار ئىدى، كەنتتىكى كۆلچەك بويى بالىلارنىڭ كالا باقىدىغان جايى ئىدى، كالىلارنىڭ قورسىقى تويغاندا، بالىلار كالىلارنى مۇشۇ دەرەخلەرگە باغلاپ قويۇپ، بۇ شالاڭ ئورمانلىقتا مۇئەللىمنىڭ دەرس سۆزلىگىنىنى ئاڭلايتتى، تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى. بۇ ئورمانلىقنى ساقلاپ قېلىش بۇ خىل ئادەت ۋە روھنى ساقلاپ قېلىش ئىدى.

  يېقىندا «كونا رايوندىكى كىچىك جايلار» دېگەن نەسىرنى ئوقۇدۇم، بۇنىڭدا كونا ئىنقىلابىي رايون جياڭشى خېڭفېڭدىكى نۇرغۇنلىغان مەنزىرىلەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. ئېنىقكى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، شۇ جايدىكى كىشىلەر مەدەنىيەت پۇرىقىنىڭ تەربىيەسىگە كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. ئادەم مۇھىتنىڭ مەھسۇلاتى، قانداق مۇھىت بولسا، شۇنداق ئادەم يېتىشىپ چىقىدۇ. قەدىمكىلەردىن «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى» دېگەن ماقال-تەمسىل مىراس قالغان، يەنە «مېڭ كېنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈشى» دەيدىغان ھېكايىمۇ بار. بۇ، كىشىلەرگە مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانچىلىك مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئادەم ئاكتىپ، ئىجابىي مۇھىتتا تۇرسا، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئاساستا ئوخشىمايدىغان مىجەز، ئوخشىمايدىغان روھ، ئوخشىمايدىغان جاسارەت ۋە ئوخشىمايدىغان قاننى يېتىلدۈرىدۇ. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق.

  بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلىم پۇرىقىغا تولغان مۇھىت ئەڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش تۇپرىقى. بىر سەنئەتكار ئۆزىنىڭ بالا ۋاقتىدا ئاكا-ھەدىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇغان بەخىتلىك مىنۇتلىرىنى ھاياجان ئىچىدە ئەسلەپ، ياخشى بولغان كىتاب ئوقۇش مۇھىتىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىگەن. كىتاب ئوقۇمىسا ئادەمنىڭ بىلىمى كەمتۈك، نەزەر-دائىرىسى تار، كۆز قارىشى يۈزەكى بولۇپ، ئاسانلا «تەكشىلىكتىكى ئادەم» بولۇپ قالىدۇ، پەقەتلا ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىلا بار، چوڭقۇر قاتلاملىقى ۋە سىغىمى يوق نەرسە بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئارتۇقچە سۆزلەش ھاجەتسىز بولغان قائىدە.

  كونىلارنىڭ: «بالىغا ئالتۇننى مىراس قالدۇرغاندىن، بىلىمنى مىراس قالدۇرغان ئەلا» دېگەن قارىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئەھمىيىتىنى بىلگەنلىكىدە ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ «بالىغا بىلىمنى مىراس قالدۇرۇش»تەك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش __ بالىغا ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ كۆپ كىتاب ئوقۇتۇش، تىرىشىپ كىتاب ئوقۇيدىغان قىلىش، كىتابنى ياخشى ئوقۇشقا يېتەكلەش، ئۇلارغا ئىلىم پۇرىقىغا تولغان دۇنيادا ئالىيجانابلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، چوڭ بولغىنىنى ھېس قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئاز بولمىغان بالىلاردا بۇ خىل شارائىت يوق. «بالىنى باشلاش سىزىقىدا ئۇتتۇرغۇزۇۋەتمەسلىك»تەك قاراشنىڭ ئىسكەنجىسى تەسىرىدە، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەر تۈرلۈك تەكرارلاش سىنىپى، رىقابەت سىنىپىلىرىغا تىزىملىتىپ، بالىلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن ھەمراھ بولۇش، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ، ھەتتا بالىدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان جاراھەتلەرنى قالدۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا پەقەتلا تالىشىش ۋە تىرىشىپ رىقابەتلىشىش بولۇپ، ئاق كۆڭۈللۈك، چىنلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ ئىلھامى ئاز بولىدۇ. پەقەتلا پاسسىپ ھالەتتە قوبۇل قىلىدۇ، ھاياتلىق تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى بولمايدۇ. بۇ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى كەمچىلىكنى قالدۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەتنىمۇ قالدۇرۇشى مۇمكىن. پەقەتلا «ئۆسۈپ يېتىلىش ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم»، «تەسەۋۋۇر بىلىمگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم»، «بالىلارنىڭ قەلبىنى قويۇۋېتىپ، ئارزۇسىنى قوغلىشىشىغا ياردەم قىلىش»تەك مائارىپ چىن ئەقىدىسىگە قايتقان چاغدا، بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق ھۆرمەتلىگەن، بالىلىق سەبىيلىكىنى تولۇق قويۇپ بېرىشكە ياردەم قىلغان ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇلار ساغلام ۋە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىيەلەيدۇ.

  خەلق مۇنبىرى، شياڭ شيەنبياۋ

  مۇستافا تەرجىمىسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر