باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلغاندا ئاندىن بېسىمنى تۈگىتىپ، خامۇشلۇقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

2018.05.31 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا %25 قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن، ھەر يىلى تەخمىنەن %7 قۇرامىغا يەتكەنلەر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئامېرىكا «نېرۋا كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە چوڭ مېڭە تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا، ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن كەم بولغانلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرى %80 ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

  ئۇيقۇ يېتەرسىز بولۇشنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان كونكرېت تەسىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا جورجىيە جەنۇبىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور كېللى سالىۋېن ۋە دوكتور كوللىنىس ئودىيا 20 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان تېلېفوندا تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى رەتلەپ تەھلىل قىلدى. تەكشۈرۈش مەزمۇنى قاتناشقۇچىلاردا 30 كۈن ئىچىدە جىددىيلىشىش، ياردەمسىز، تىنچسىز، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق كەيپىيات مەسىلىلىرى بار-يوقلۇقى، يەنە ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇخلاش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا، بېسىمى شۇنچە يۇقىرى بولغان. ھەر كۈنى كەچتە يەتتىدىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلايدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيقۇسى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە جىددىيلىشىش، تىنچسىزلىنىش، قايغۇرۇش ياكى ئۈمىدسىزلىنىش ئېھتىماللىقى 60تىن 80 پىرسەنتكىچە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  دوكتۇر سالىۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيقۇسى كەم بولغان كىشى ھەر خىل ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمون سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىشى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇكى، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلغاندا، ئاندىن بېسىمنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۇيقۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھەر كۈنى كەچتە يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلاشنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر