باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

لىموننى كۆپ يېگەندە كالتسىي قوبۇل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ

2018.05.30 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىموننىڭ تەمى خۇش پۇراق بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىنC ، لىمون كىسلاتاسى ۋە سىترېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپلا قالماي، يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدىكى ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا، ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە خىروسىما ئۇنىۋېرسىتېتى لىمون ساغلاملىق ئىلمى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئۇزاق مۇددەت لىمون ئىستېمال قىلغاندا كالتسىي سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئالتە ئۈلۈشتىن يۇقىرى لىمون خىروسىمادىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لىمونلار يېڭى ھەم ئەلا سۈپەتلىك بولغاچقا، خىروسىما ناھىيەسى يەنە «لىمون ناھىيەسى» دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىم، خىروسىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان 40 ئايالنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇدا ئالتە ئاي، ھەر كۈنى تەركىبىدە كالتسىي بولغان لىمون شەربىتىدىن 200 مىللىلېتىر ئىستېمال قىلدۇرغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ سۆڭەك توقۇلمىسى ئىچىدە ئېرىپ قانغا كىرگەن كالتىسىي ئىئونى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14 تورمۇزلانغان، ئۈچ ئايدىن كېيىن سۆڭەك زىچلىقى ئوتتۇرىچە %1.32 ئاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن بۇ سەۋىيەنى ئىزچىل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سىناق باشلانغىلى بىر ئاي بولغاندا، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىچە يۇقىرى بېسىم سىماب تۈۋرۈكى 134.6 مىللىمېتىردىن 126.6 مىللىمېتىرغا تۆۋەنلىگەن.

  سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى — كالتسىي ئىئونىنىڭ سۆڭەكتىن سىجىل ئېقىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ تارقاقلىشى، سۆڭەك چۈرۈكلۈكى ئېشىپ كېتىشتۇر.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، لىموننىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لىمون كىسلاتاسىنىڭ خېلاتلىشىش رولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن، يەنى لىمون كىسلاتاسى بەدەندىكى كالتسىي بىلەن بىرىكىپ، خېلاتلىق كالتسىي ھاسىل قىلىپ، كالتسىي ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىش، سۆڭەكنى كۈچەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر