باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنى راك كېسىلى بىمارلىرىغا ئوزۇقلۇق توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

2018.05.29 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنى ___ سىلون كەتتېرىڭ راك كېسەللىكى مەركىزى «راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئوزۇقلۇق مۇھىم رول ئوينايدۇ»، دەپ كۆرسەتتى. بۇ مەركەزنىڭ ئوزۇقلۇق ئەترىتى راك كېسىلى بىمارلىرىغا ئالتە تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 309-دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زو شياۋشيا بۇ تەكلىپلەرنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ:

  1. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. نۇرغۇن بىمار راك كېسىلىنى داۋالاش مەزگىلىدە دائىم: يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە قانداق ئەمەل قىلىش كېرەك؟ دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى. ھەر بىر بىمارنىڭ بەدەن ھالىتى ھەر خىل بولىدۇ، ئۆسمىنىڭ كېسەللىك ئوچىقىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. داۋالاش مەزگىلىدە دورا ياكى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبلىك، بىمارلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەۋزىيەت ياكى ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بەدەننىڭ ھەر خىل بىئاراملىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، يېمەكلىك تۈرى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىكىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى ۋە دوختۇرنىڭ كىلىنىكىلىق تەكلىپىگە ئاساسەن تاللاش لازىم. ئومۇمەن ئالغاندا، يېتەرلىك ئىسسىقلىق، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  2. سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەر كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەسەيتىدۇ. راك كېسىلى بىمارلىرى داۋالىنىش جەريانىدا، كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك، زىيادە ئاچچىق ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، مەسىلەن، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، پېچىنە، تورت ياكى كۆپلىگەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار بىلەن ياسالغان يېمەكلىكلەر. چۈنكى يۇقىرى مايلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش تەس، ئاشقازان ئىچىدە توختاش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاشقازاننى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك پۇراقتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم، مەسىلەن، قورۇما قورۇغان ۋە تەمىنى تەڭشىگەن چاغدىكى ماي ئىسى پۇرىقى، تاماكا پۇرىقى، ئەتىر پۇرىقى قاتارلىقلار، بۇ پۇراقلار كۆڭلى ئېلىشىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  زو شياۋشيا مۇنداق دېدى: مايسىزراق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن، بۇغدايدا قىلىنغان بولكا، نېلۇپەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى، يېرىم ئىسسىق قورۇما ۋە توخۇنىڭ تېرىسىز تۆش گۆشى قاتارلىقلار.

  3. يېمەكلىك تالاسى تولۇقلاش، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش، قەۋزىيەتنى ئازايتىش لازىم. تاماق تالاسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كۆپەيتىپ، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، چوڭ تەرەت يۇمشاق بولۇپ، كۆپۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. زو شياۋشيا ھەر كۈنى 250تىن 300 گىرامغىچە مېۋە، 300گىرامدىن 350 گىرامغىچە كۆكتات ۋە 50گىرامدىن 100 گىرامغىچە قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلىش، ھەر كۈنى 1500دىن 1700 مىللىلېتىرغىچە سۇ ئىچىش تەكلىپى بەردى.

  4. ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە سۇسىزلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىچ سۈرگەن بىمار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى لېتىر سۇ ئىچىشى لازىم، ئازراق مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات شەربىتى ياكى سۇس تۇز سۈيى ئىچىپ، ئىچى سۈرۈش تۈپەيلىدىن يوقاتقان ناترىي ۋە كالىينى تولۇقلاشقا بولىدۇ. لېكىن ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئازراق تۇز سۈيى ياكى گلۇكوزا ئاستۇرۇپ، بەدەندىكى ئېلېكتىرولىنتنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدىن ساقلىنىش لازىم. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى شېكەرلىك، يۇقىرى مايلىق، ئاچچىق، سوغۇق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

  5. ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئارقىلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشقا تاقابىل تۇرۇش لازىم. ئەگەر بىمارنىڭ تاماق يېگۈسى كەلمىسە، ئالدى بىلەن ئىشتىھاسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، باشقا كېسەللىك ئالامىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش لازىم. بىمارغا بېسىم قىلماسلىق لازىم، تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  زو شياۋشيا مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىمار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالانسا، يەنە ئازراق قۇۋۋەت يېمەكلىكى قوشسا بولىدۇ، مەسىلەن، قېتىق، سودا سېلىنغان پىرەنىك، مېۋە-چېۋە ۋە قاتتىق شاكاللىق مېۋە قاتارلىقلار. «ئاپېلسىن پوستى، چىلىغان سەي، كوكۇس شەربىتى قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىمارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق».

  6. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش لازىم. داۋالاشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، بەدەن ئەھۋالى ۋە دوختۇرلارنىڭ تەكلىپى بويىچە قارا گۆش، دانلىق زىرائەت، ساغلام ماي، ھەرخىل مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى تاللاشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر