باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتسە گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ

2018.05.29 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، بەلكىم گۈرۈچ تەركىبىدىكى ” ب “ تۈردىكى ۋىتامىن ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىشى مومكىن.

  ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جۇڭگودىكى تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق تەتقىقات ئۆمىكى كۆپ ئۇچرايدىغان 18 خىل شال سورتىنى تاللىدى، ھەمدە تەجرىبە قىلىپ ئۆستۈرۈش جەريانىدا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاتموسفېرادا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كاربون تۆت ئوكسىد قويۇقلۇقىنىڭ سەۋىيىسىنى تەقلىد قىلىپ چىقتى. تەتقىقاتچىلار شال باشىقى ئۈستىدىكى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايدا ئالاھىدە سۇلياۋ تۇرۇبا ئورنىتىپ كاربون تۆت ئوكسىدنى تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ تەكشۈردى.

  نەتىجىدە شۇنى بايقىدىكى، گۈرۈچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1، B2، B5 ۋە B9نىڭ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %17.1، %16.6، %12.7 ۋە %30.3 ئازايغان. بۇ قېتىمقى تەجرىبە نەتىجىسىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىنى، يەنى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇقلۇقىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىنىڭ گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاقسىل، تۆمۈر ۋە سىنك مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر