باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇزلۇق مېڭە رايونلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

2018.05.23 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئامېرىكا «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت توپتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ مېڭە رايونلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغان.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئىككى ھەپتە قاماپ قويۇلغان كىچىك چاشقاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرى، يەنى باشقا ناتونۇش كىچىك چاشقانغا بولغان ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى كۈچىيىش، باشقا چاشقانغا سىجىل تۈردە ۋەھىمە سېلىش، تەھدىت خاراكتېرلىك غىدىقلاشقا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇش دېگەندەك ئۆزگىرىش ئىپادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان.

  ئەگەر كىچىك چاشقاننىڭ توپتىن ئايرىۋېتىلگەن ۋاقتى پەقەت 24 سائەتلىك قىسقا مۇددەتكىچە بولسا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق روشەن ھەرىكەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلمەيدىكەن، ئەمما، ئۇنى توپتىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىۋەتسە، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدىكەن.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر چاشقاننى ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىن ئايرىۋەتسە، چاشقاننىڭ بەدىنىدىكى گېنى Tac2نىڭ ئىپادىلىشى كۈچىيىپ كېتىپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى «نېۋروكىنىن B» ماددىىسىنىڭ ئۇنىڭ بادام مېغىزى ۋە تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە دېيىلىدىغان ھەمدە كەيپىيات ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە مەسئۇل بولىدىغان مېڭە رايونىغا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىلگىرى مېۋە چىۋىنىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل گېنلار يالغۇز قالغان مېۋە چېۋىنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرگە ئىگە قىلدۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر