باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دىققەت! بۇ تۆت خىل دورا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىدۇ

2018.05.16 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېغىز يارىسى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەردە قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بەزى يارىلارنى دورىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگوچە-غەربچە بىرلەشتۈرۈلگەن تېبابەت دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جوۋ جۈنبو تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل دورىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىش نىسبىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

  بىرىنچى: كېكىردەكنى سىلىقلاش تابلىتى: كېكىردەكنى سىلىقلاش تابلىتى تەركىبىدە يالپۇز ياكى يود قاتارلىق ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقىدا ياللۇغلىنىش يوق چاغدا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،كېكىردەكنى سىلىقلاش تابلىتىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

  ئىككىنچى: ئانتىبىئوتىك دورىلار: نۇرغۇن تەسىرى كەڭ ئانتىبىئوتىكلار ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئامپىسىللىن، سېفالېكسىن، مېترونىدازول ۋە تىنىدىئازول قاتارلىقلار. تەسىرى كەڭ ئانتىبىئوتىكلارنىڭ باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش دائىرىسى كەڭ، بىراق قاراتمىلىقى كەمچىل بولۇپ، ئاسانلا باكتېرىيە توپى تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى باكتېرىيە توپى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىدۇ.

  قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار: قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار كۆپىنچە ئورگانىك ئاجىز كىسلاتالىق بولۇپ، شىللىق پەردىنى غىدىقلاش رولى بار.

  خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى: خىمىيەلىك داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ قان ئىشلەش سىستېمىسى، شىللىق پەردە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارغا قارىتا زەھەرلىك ئەكس تەسىرى بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  جوۋ جۈنبو مۇنداق دېدى: ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم: بىرىنچىدىن، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى بولغان قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى قوغداش، شەخسىي ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش لازىم. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قايتا-قايتا ساقايمىغاندا، بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئېھتىماللىقىدىن ھوشيار بولۇش، كېسەللىك سەۋەبىگە بالدۇرراق ئېنىق دىئاگنوز قويۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر