باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگودا سېمىزلەرنىڭ سانى 90 مىليونغا يېقىنلاشتى

سېمىزلىك «تۆت خىل رەڭ»لىك بولۇپ، «قارا سېمىزلىك» ئەڭ ئېغىر

2018.05.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېمىزلىكنى ماددا ئالمىشىش ۋە كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەتلىك كلىنىكىلىق تەجرىبىگە ۋە تېببىي تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، سېمىزلىك دەسلەپكى قەدەمدە قىزىل، ئاق، قارا، سېرىق قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن.

  شاڭخەي شەھەرلىك 10-خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈ شېن مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئاق سېمىزلەر» چوقۇم دوختۇرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن تەپسىلىي يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. «قىزىل سېمىز»لەر قان ئېلىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما ھورمونلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك باھالىتىشى، قالقانسىمان بەز، بۆرەك ئۈستى بېزى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. نورمالسىزلىق بايقالغان ھامان ۋاقتىدا، ئىلمىي، قېلىپلاشقان تېببىي داۋالىتىشى لازىم. «سېرىق سېمىز» كىشىلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا ئېنېرگىيە ئومۇمىي قوبۇل قىلىشى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەتلا ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن تۆۋەن بولغاچقا، ئېنېرگىيەنىڭ نىسپىي ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا، ئىچكى ئاجراتما مەخسۇس كېسەللىك دوختۇرلىرىنىڭ ھەر قايسى ھورمون سەۋىيەسىنى تەڭشىشى ئىنتايىن مۇھىم.

  «قارا سېمىز»لىكنىڭ ئەھۋالى ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ ھاللاردا كۆپ خىل ئىچكى ئاجراتما ماددا ئالمىشىش ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئىچكى كېسەللىكلەر دورىلىرى بىلەن داۋالاشتىن باشقا، بەزىدە يەنە ئىچكى ئاجراتما تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر.

  ئورۇقلاش — بىر ئۆمۈرلۈك ئىش

  سېمىزلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئورۇقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ۋاقىتلىق ئورۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقىلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ.

  پىروفېسسور چۈ شېن مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىغا كېلىپ سېمىزلىكنى كۆرسىتىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. چۈنكى سېمىزلىكنى تەكشۈرۈش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق، ئاۋۋال نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، سېمىزلەرنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن، بەزى سېمىز بىمارلار بەدەن ئېغىرلىقى چۈشكەن ھامان، ناھايىتى خۇشال بولۇپ دوختۇرخانىغا قايتا بارمايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھەر خىل ئورۇقلىتىش چېيى، ۋاكالىتەن تاماق، ئاشلىقنى تەرك ئېتىش قاتارلىق چەكتىن ئاشقان ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئەۋج ئالماقتا، گەرچە بۇلار بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتەلىسىمۇ، لېكىن يەنە بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ، زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ.

  سېمىزلىك بىر خىل كېسەللىك، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈش بىر خىل تېببىي ھەرىكەت، ھەربىر ئادەمنىڭ سېمىزلىك تىپى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بىمارلار چوقۇم دوختۇرخانا قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلارغا بېرىپ، كەسپىي دوختۇرلارنى ئىزدەپ، ئوخشىمىغان كېسەللىك سەۋەبلىرىگە ئاساسەن مۇنتىزىم، سىستېمىلىق داۋالىنىش، ئېغىرلىقىنى ئىلمىي چۈشۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر