باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇشى چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلىشىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

2018.05.08 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دېيىلگەن. يېقىندا نەشر قىلىنغان «ئىلىم-پەن ئاممىۋى كۈتۈپخانىسى. ئۇنۋېرىسال» قەرەللىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ، كۈن بويى ئىشخانا ئورۇندۇقىدىن ئايرىلماسلىق — چوڭلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەستە تۇتۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسىم ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەرەپ چېكە ياپراقچىسىنىڭ نېپىزلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئىچكى تەرەپ چېكە بۆلىكى بولسا چوڭ مېڭىدىكى يېڭى خاتىرە شەكىللەندۈرۈشكە قاتنىشىدىغان رايون. چوڭ مېڭىدىكى ئالاقىدار رايونلارنىڭ نېپىزلەپ كېتىشى بەلكىم ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلاردىكى بىلىش ئىقتىدارى چېكىنىش ۋە دېۋەڭلىكنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس-ئانژېلسدىكى تېخنىكا خادىملىرى 45 ياشتىن 75 ياشقىچە ئارىلىقتىكى 35 كىشىنى تەتقىق قىلغان.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى بىر ئادەمنىڭ بەدەن ھەرىكىتى سەۋىيەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇش بىلەن ئىچكى تەرەپ چېكە ياپراقچىسىنىڭ نېپىزلەپ كېتىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرىچە ئۈچ سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ھەر بىر سائەت ئولتۇرغاندا، چوڭ مېڭىدىكى ئالاقىدار رايونلارنىڭ قېلىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى كۆزىتىپ چىقىلغان.

  تەتقىقاتچىلار، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇش (ئىچكى تەرەپ چېكە بۆلىكى) نېپىزلەپ كېتىشنىڭ مۇھىم مەلۇمات ئامىلى، جىسمانىي پائالىيەت ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇزۇن ئولتۇرۇشنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى يوقىتالمايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر