باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ناشتا قىلمىغاندا ئادەم تېخىمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن

چۈنكى باشقا ۋاقىتتا كۆپ نەرسە يەپ كېتىدىكەن

2018.04.28 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەلكىم، بەزىدە ئۈلگۈرەلمەي ياكى ئورۇقلاش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەر ناشتا قىلمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قانۇنىيەتلىك ناشتا قىلىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەر ئاسانلا سەمىرىپ، بەل ئايلانمىسى يوغىناپ كېتىدىكەن. چۈنكى ناشتا قىلمىغانلار بەلكىم باشقا ۋاقىتتا كۆپ يەۋىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  مېئو شىپاخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قۇرامىغا يەتكەن 347 ساغلام كىشىنىڭ ئەتىگەنلىك غىزالىنىش ئادىتى ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى، كاسا ئايلانمىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىگەن. تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ يېشى 18 ياشتىن 87 ياشقىچە بولۇپ، ئاز دېگەندە ئىككى يىللىق تەتقىقاتقا قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى ئەزەلدىن ناشتا قىلمايدىغانلار، دائىم ناشتا قىلمايدىغانلار (بىر ھەپتىدە بىردىن تۆت قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلار)، دائىم ناشتا قىلىدىغانلار (بىر ھەپتىدە بەشتىن يەتتە قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلار) قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە ئايرىغان، نەتىجىدە، ئەزەلدىن ناشتا قىلمايدىغانلار ئىچىدىكى %26.7 كىشى سېمىزلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن، دائىم ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %10.9 بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشى، جىنسى، بوي ئېگىزلىگى، ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللارنى ھېسابلىغاندا، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەل ئايلانمىسى دائىم ناشتا قىلىدىغانلارغا قارىغاندا 9.8 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولغان.

  تەتقىقاتچىلار 22-ئاپرېل ئامېرىكا سان ديېگودا تەجرىبە بىيولوگىيەسى 2018-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندا يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى. تەتقىقات باشلامچىسى كېۋىن شىمىس: «تەتقىقات نەتىجىمىزدە، مەيلى قايسى ياشتىكى كىشىلەر بولسۇن، دائىم ناشتا قىلىشنىڭ ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر