باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياخشى بولغان ناشتىلىق قانداق بولىدۇ؟

چوقۇم ئۈچنى تاللاپ، تۆتنى ئازايتىش لازىم

2018.04.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داليەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىڭگو

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي تاماقلار، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر، كۆكتاتلار ۋە مېۋە- چىۋىلەر قاتارلىق بۇ بىر نەچچە چوڭ تۈردىكى يېمەكلىكنىڭ بار بولۇشى — ياخشى بولغان ناشتىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتىدۇر. ئەگەر ئۈچنى تاللاپ، تۆتنى ئازايتالىسىڭىز، يەنى سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاپ، ساغلاملىققا پايدىسىز بولغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى ئازايتالىسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ بىر ناھايىتى قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  بىرىنچى تاللاش: قارا ئاشلىق تۈرىدىكىلەر. مەسىلەن، پۇرچاق ئۇمىچى، گۈرۈش ئۇمىچى، قارا ئاشلىق ئۇمىچى، سۇلۇ ئۇمىچى، پۇرچاق مانتىسى، بۇغداي ئۇنىدا قىلىنغان موما، بۇغداي ئۇنىدا قىلىنغان بولكا، تاتلىقياڭيۇ، يېڭى كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى تاللاش لازىم، گۈرۈچ تامىقى ياكى ئاق ئۇننىڭ ئوزۇقلۇقى بەكلا ئاز بولۇپ قالىدۇ.

  ئىككىنچى تاللاش: تۆۋەن مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر تۈرىدىكىلەر. مەسىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كالا سۈتى، قېتىق، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ، كالا گۆشى، قارا گۆش قاتارلىقلار. بۇ خىل يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق مول بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تويۇش تۇيغۇسىنى كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سائەت 11 دىلا قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتمەيدۇ.

  ئۈچىنچى تاللاش: يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەر تۈرىدىكىلەر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى قېنىق رەڭلىكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى تېخىمۇ مول بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقىمۇ پايدىسى كۆپ. قورۇش، خام يېيىش ياكى دۈملەشنىڭ ھەممىسى ئەتىگەنلىك تاماقتا كۆكتات يېيىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

  «ئۈچنى تاللاش» كۇپايە قىلمايدۇ، «تۆتنى ئازايتىش»مۇ ناھايىتى مۇھىم.

  بىرىنچى ئازايتىش: بۇنىڭدا، پىلتە قۇيماق، قۇيماق، تۇخۇم پىرەنىكى، پېچىنە، تەييار چۆپ، چۈرۈك بولكا، پېچىنە دېگەندەك كۆپلەپ ماي قوشۇلغان ئاشلىقلارنى يېيىشنى ئازايتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، ياغ تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە ئۇلار يېيىشكە قولايلىق ۋە يېيىشلىك، قورساق ئاچۇرمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا ۋە سالامەتلىككە پايدىسى يوق بولغاچقا، ئۇلارنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

  ئىككىنچى ئازايتىش: بۇنىڭدا، مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، باكون، سۈرلەنگەن گۆش، مايدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، توخۇ پاچىقى (ھامبۇرگ) قاتارلىق ماي تەركىبى يۇقىرى ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. گەرچە بۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ماينىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئۇلارنى دائىم ياكى كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىسىز. شۇڭا، ئۇلارنى ئاز يېيىش كېرەك.

  ئۈچىنچى ئازايتىش: بۇنىڭدا، تۇزلانغان كۆكتات، تۇزلۇق سەي، سىقىپ سۈيى چىقىرىلغان كۆكتات، جياڭيۇغا چىلانغان كۆكتات قاتارلىق يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاش رولىنىلا ئوينايدۇ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تۇز بار بولۇپ، ئۇلار قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز.

  تۆتىنچى ئازايتىش: بۇنىڭدا، مېۋە-كۆكتات ئىچىملىكى، سۈت ئىچىملىكى، قېتىق قاتارلىق ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەمى بەك ياخشى بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىدەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ پەقەت شېكەر، مۇئەتتەر ۋە باشقا يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بىلەن تەڭشەشتىن ھاسىل بولغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئەمەلىيەتتە ھەقىقى تۈردىكى كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋىلەر ۋە سۈتتە بولىدىغان ئوزۇقلۇق مىقدارى بەكلا ئاز بولىدۇ.

  مەيلى «ئۈچنى تاللاش» بولسۇن ياكى «تۆتنى ئازايتىش» بولسۇن، پەقەت كۆڭۈل قويساقلا، ھەتتا سىرتتا ناشتا قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ياخشى بىر ناشتا قىلىۋېلىشتەك مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر