باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈچ ئادەتنى تېزراق تاشلاڭ

چۈنكى بۇ ئادەتلەر بالدۇر زەئىپلىشىش ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ «يانتاياق»لىرى

2018.04.25 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاماكا چېكىش تېرىنىڭ قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولۇپ، زىيىنى بىر تالاي، ئەمما قىلچە پايدىسى يوق. لېكىن بەزى ناچار ئادەتلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى تاماكا چېكىشتىنمۇ چوڭ. يېقىندا تاماكا چېكىشتىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك ئۈچ ئادەت يەكۈنلەپ چىقىلدى.

  دائىم گۆش يېيىش. ئامېرىكا «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئانچە گۆش يېمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، دائىم گۆش يەيدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئۆمرى تېخىمۇ قىسقا بولىدىكەن. بۇ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا، پەقەتلار ھايۋانات ئاقسىلى ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە مۇۋاپىق مىقتاردا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش. تېلېۋىزور كۆرۈشتە ئەسلىدە مەسىلە يوق، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر تال تاماكا چەككەندە، ئۆمۈر تەخمىنەن 11 مىنۇت قىسقىرايدىكەن، لېكىن تاماكا چەكمەيدىغانلارمۇ 25 ياشتىن كېيىن، ھەر بىر سائەت تېلېۋىزور كۆرگەندە، ئۆمرى تەخمىنەن 21.8 مىنۇت قىسقىرايدىكەن. چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرۇش راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  دائىم گازلىق ئىچىملىك ئىچىش ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر كۈندە تەخمىنەن بىر ئىستاكان (237 مىللىلېتىر) گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى تەخمىنەن ئىككى يىل قېرىتىۋېتىدىكەن؛ ھەر كۈنى ئىككى يېرىم ئىستاكان (592 مىللىمېتىر) ئىچكەندە، تېلومېر (بويالغۇچى تەنچىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ تەكرارلىق تەرتىپى) تەخمىنەن بەش يىل قېرىيدىكەن، بۇ، تاماكا چېكىشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر