باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى: ھەر ۋاق تاماقنى ئازراق يېگەندە ساغلام ياشاپ قېرىغىلى بولىدىكەن

2018.04.25 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەممە ئادەم ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادا قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەر خىل مەھسۇلاتلىرى چوڭ بىر كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈردى. لېكىن تېرە سىلىقلاش مېيى، جەۋھەر تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار پەقەتلا تېرىنىڭ سىرتقى يۈز قىسمىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، بىراق ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قېرىش جەريانىنى تۈپ يىلتىزىدىن كېچىكتۈرەلمەيدۇ. ئامېرىكا دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر ۋاق تاماقنى بىر ئۈلۈش ئاز يېگەندە، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشقا چەك قويغاندا سازاڭ، چىۋىن ۋە چاشقاننىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان؛ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشقا چەك قويغاندا ئىنسانلارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 220 قاتناشقۇچى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 145 كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مىقتارىغا چەك قويۇلۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر ۋاق تاماقتا بىر ئۈلۈش ئاز يېيىلگەن، باشقا 75 كىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغان.

  تەتقىقات باشلانغاندا، ئىككى گۇرۇپپا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئوتتۇرىچە يېشى 38 ياش، فىزىئولوگىيەلىك يېشى 37 ياش (فىزىئولوگىيەلىك يېشى ئومۇمىي خولېستېرىن، قان بېسىمى ۋە قان قىزىل ئاقسىلى سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ھېسابلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان) بولغان.

  ئىككى يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يېمەك- ئىچمىكىگە چەكلىمە قويۇلغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك يېشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 0.11 ياش ئازىيىپ، تېنى تېخىمۇ ياشارغان؛ ئەمما، يېمەكلىكىگە چەكلىمە قويۇلمىغان قاتناشقۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك يېشى ھەر يىلى %0.71 ياش ئاشقان.

  يېڭى تەتقىقاتتا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن قېرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېچىپ بېرىلدى. لېكىن تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ھەرگىزمۇ تاماق يېمىگەندە ياشلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ كىشىلەرگە بەدەننى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتىدۇ ھەمدە كىشىلەرنى يېمەكلىك تاللاشتا تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر