باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شوخ مۇزىكا ئاڭلاش چىدامچانلىقنى ئاشۇرىدۇ

2018.04.24 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن كىشى چېنىققاندا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تىڭشىغۇچ تاقاپ مۇزىكا ئاڭلايدۇ. بىراق يېقىندا ئامېرىكا تېكساس پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، چېنىققاندا شوخ مۇزىكا ئاڭلاش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ چىدامچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئۆلچەش ئوبيېكتلىرىغا يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يۇقىرى سىجىللىقتىكى چەكتىن ئاشقان يۈگۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان. سىناققا 127 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 53 ياش ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى تىڭشىغۇچ تاقاپ بىر تەرەپتىن شوخ مۇزىكا ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن يۈگۈرگەن، قالغان يېرىمى مۇزىكا ئاڭلىمىغان. سىناق نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئوخشاش تېزلىكتە مۇزىكا ئاڭلىغانلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا سەككىز مىنۇت 30 سىكۇنت يۈگۈرگەن بولۇپ، مۇزىكا ئاڭلىمىغانلارغا قارىغاندا بىر مىنۇتقا يېقىن ئۇزاق داۋاملاشتۇرغان.

  تەتقىقاتچىلار ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇزىكا بىر خىل كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرغۇچى ئامىل بولۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدە ئازادە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى قوزغىتىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىنى كۆپەيتىدۇ. كىشىلەر ئىزچىل بىۋاسىتە سېزىمدە مۇزىكىنى مەشىق قىلغاندىكى ياخشى ھەمراھ دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يېڭى تەتقىقات ئىلمىي ئىسپات ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق مۇۋاپىق كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشىنى ياكى 75 مىنۇت يۈگۈرۈش قاتارلىق بىر قەدەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىراق، خېلى بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرىقى چېنىقىش تەلىپىگە يېتەلمەيدۇ. تەتقىقاتچىلار ئەسكەرتىدۇكى، مۇزىكا كىشىلەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، كېلەر قېتىم چېنىققاندا ئەگەر ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، مۇزىكا ئاڭلاپ سىناپ بېقىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر