باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى بىر سائەت چوڭقۇر ئويلانغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىكەن

2018.04.13 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى بىر سائەت چوڭقۇر ئويلانغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ياشانغانلارنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدىكەن.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس شۆبە مەكتىپىنىڭ پەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2011-يىلى چوڭقۇر ئويلىنىشقا قارىتا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا چوڭقۇر ئويلىنىش مەركىزىدە، تەتقىقاتچىلار 60 نەپەر ئوتتۇرا ياش، ياشانغان پىدائىيلارنى ئۈچ ئايلىق چوڭقۇر ئويلىنىش مەشىقىگە قاتناشتۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى باھالىغان. سىناققا قاتناشقانلار مۇنداق دېدى: چوڭقۇر ئويلىنىش دەرسى ئۇلارغا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، مەسىلىگە يۈزلىنىشنى ئۆگەتكەن، ئۇلاردا ھېسداشلىق، مۇھەببەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنى پەيدا قىلغان، دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار چوڭقۇر ئويلىنىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  يەتتە يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قېتىم بۇنىڭ ئىچىدىكى 40 پىدائىينى زىيارەت قىلىپ، بۇ نەچچە يىلدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ چوڭقۇر ئويلانغانلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، %85 كىشى ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت چوڭقۇر ئويلانغان ھەمدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىتىكاپ پائالىيىتىگە قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى ۋە دىققىتىنى باھالاش ئارقىلىق، چوڭقۇر ئويلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇش دەرىجىسى ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىمىگەنلىكىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە، چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، تەپەككۇرغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، دىققەتنىڭ كەڭلىكىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە دائىم چوڭقۇر خىيال قىلىدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئېرىقچە قاتلىمى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى، دىققىتى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمدىكى بۇ يېڭى بايقاش بولسا يۇقىرىقى تەتقىقات ئاساسىدا، چوڭقۇر ئويلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۇزاققىچە ياخشىلاپ، قېرىشقا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچىلار ئالاقىدار تەتقىقاتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر