باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئېلىمىزدە سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 100 مىليونغا يەتتى

2018.04.13 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزدىكى ئالىملار تەرىپىدىن تاماملانغان بىر كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپى تەتقىقاتى، يەنى «جۇڭگودىكى ياش-قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ساغلاملىق تەتقىقاتى»نىڭ تۇنجى نەتىجىسى يېقىندا تىبابەت ژۇرنىلى «لەنسېت»دا ئېلان قىلىندى. بۇ نەتىجىدە، دۆلىتىمىزدە سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردىكى كېسەللىكنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا، دۆلىتىمىزدە سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ 100 مىليونغا يەتكەنلىك مەلۇماتى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئېلان قىلىندى.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە 20 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ٪8.6 بولغان، 40 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %13.7بولغان، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %27 بولغان، ئەر بىمارلارنىڭ سانى ئايال بىمارلارنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتە كېسەل بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 99 مىليون 900 مىڭغا يەتكەن. سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ھازىر يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدىغان ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلمىچان كېسەل بولۇپ قالدى.

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشتىكى خەۋپ-خەتىرى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ھاۋادىكى PM2.5 قويۇقلۇقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، كىشىلەرنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىك بولۇشى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى جەھەتتە جەمەت تارىخى بار بولۇش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ بۇ خىل سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە: دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىش نىسبىتى ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مەزكۇر تەتقىقاتتا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ زىيارەت قىلىنغانلار ئىچىدە، سوزۇلما ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلار ئاران %10كە يېتىدىكەن؛ ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ باققانلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر