باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قاتتىق شاكاللىق مېۋىنىڭ يەنىلا ئەسلىي تەملىكىنى تاللىغان ياخشى

تۇز، شېكەر قوشۇلغاندا «قىرتاق پۇراق» يوشۇرۇلۇپ قالىدۇ

2018.04.12 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ جياجيا

  تۇزلۇق ئۆرۈك مېغىزى، مايدا پىشۇرۇلغان يەرياڭىقى مېغىزى، قايماقلىق مۇقاتىل، يېشىل چاي گازىر... ھازىر بازاردا قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلماقتا، قانداق تاللاش كېرەك؟

  قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، دەرەخلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، مەسىلەن، ئۆرۈك مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى، ئورمان ياڭىقى، مۇقاتىل، ياڭاق، كاشتان، گىنكو دەرىخى (كۈمۈشئۆرۈك)، پىستە قاتارلىقلار؛ ئىككىنچىسى، ئۇرۇق تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، كاۋا ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلار.

  يەرياڭىقى مېغىزى، ياڭاق، كاشتان قاتارلىق كۆپلىگەن قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ياكى بىۋاسىتە يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ھازىر بازاردىكى نۇرغۇن قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى قاقلاپ، مايدا پىشۇرۇپ ۋە تەم تەڭشەپ بىر تەرەپ قىلغانلىقتىن، ۋىتامىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاقسىلنىڭ پايدىلىق نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ۋىتامىن E ۋە زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇز ۋە شېكەر مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، قورۇلغان يەرياڭىقى تەركىبىدىكى ناترىي (تۇز) مىقدارى خام يەرياڭىقى مېغىزىنىڭ يۈز ھەسسىسىدىن كۆپ ئىكەن، قورۇلغان ئاپتاپپەرەس مېغىزىدىكى ناترىي (تۇز) مىقدارى خام ئاپتاپپەرەس مېغىزىنىڭ 240 ھەسسىسىدىن كۆپ ئىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، قاتتىق شاكاللىق مېۋە ساتىدىغانلار ئادەتتە سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى تاشلىۋېتىشنى خالىمايدىغان بولغاچقا، كۆپ مىقداردا تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ساخارىن، مۇئەتتەر قاتارلىقلار ئارقىلىق تەمىنى تەڭشەپ، «قىرتاق پۇراق»نى يوشۇرۇشى مۇمكىن، شۇڭا سۈپىتى ئۆزگەرگەن قاتتىق شاكالىق مېۋىلەر دائىم تۇزلۇق، قايماق تەملىك تەڭشەلگەن قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ.

  شۇنداق تەكلىپ بېرىلىدۇكى، كۆپچىلىك ئىمكانقەدەر بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئەسلىي تەملىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر، ياكى پەقەت يېنىك قاقلانغان قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى سېتىۋالغىنى ياخشى. ئۇندىن باشقا، يەنە تەپسىلىي تاللاپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم: بىرىنچىدىن، ياخشى قاراش، سىرتقى يۈزىدە قۇرت، داغ ئىزى يوق، مېغىزى توق، پوستى پارقىراقلىرىنى تاللاش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، تۇتۇپ بېقىش، قولغا يېپىشمايدىغان، نەم ئەمەس، سىقىمىدىغاندا قاتتىقراقنى تاللاش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، پۇراپ بېقىش، تەبىئىي قاتتىق شاكاللىق مېۋە پۇرىقى بار، غەيرىي پۇراق يوقلىرىنى تاللاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر