باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

زۇكام بولغاندا كۆپرەك سۇ ئىچىشنىڭ تۆت تۈرلۈك پايدىسى

2018.03.30 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەخت ساقلىقنى ساقلاش ئۇزۇقلۇق، يېمەك-ئىچمەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۈفېڭ دائىم: زۇكام بولغاندا «كۆپ سۇ ئىچىڭ» دەپ تاپىلايدۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم ئاساسى بار.

  1. مىتابولىزىمنى تىزلىتىپ، سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتىپ، زەھەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ.

  2. قىزىش ئالامىتى بارلار كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بەرگەندە، تەرنىڭ پارلىنىشى ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈپ، قىزىتمىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

  3. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سۇنىڭ خورىشىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

  4. ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، مەلۇم دەرىجىدە زۇكام باكتېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى توسۇپ، زۇكامدىن كېلىپ چىققان بىئارامچىلىقنى ھەل قىلىدۇ.

  شۇڭا، زۇكام بولغاندا سۇ ئىچىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش، ئارىلاپ سۇ ئىچىش كېرەك، ھەر قېتىمدا 200 مىللىلىتىردىن 300 مىللىلىتىرغىچە ئاز-ئازدىن ئاستا ئىچىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ ئېلېكتىرولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، يەنە بۆرەككە بېسىم پەيدا قىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر